Uyghurئاساسىي لۇغەت
سەزگۈ ھۈجەيرىسى
پسىخولوگىيە
بۇ « ئىدراك ھۈجەيرىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ تەسىرگە ماس قوزغىلىش پەيدا بولىدىغان، ھەم ئۇنى مەركەزگە ئىنتىلگۈچى نېرۋا ئىمپۇلىسىغا ئايلاندۇرىدىغان ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۇمۇمىي نامى. ئۇلار ئۇمۇمەن نېرۋا تالاسى ئارقىلىق مەركەزگە ئىنتىلگۈچى نېرۋا ئىمپولىسىغا ئايلاندۇرىدىغان ھۈجەيرىلەرنىڭ ئومۇمىي نامى. ئۇلار ئومۇمەن نېرۋا تالاسى ئارقىلىق مەركىرىي نېرۋا سىستېمىسى بىلەن ياكى نېرۋا تورى بىلەن تۇتۇشىدۇ. بۇلارنىڭ بەزىلىرى بەدەننىڭ سىرتقى يۈزىكە ياكى ئىچكى ئەزالارغا تارقالغان، بەزىلىرى بىرلىشىپ (توپلىنىپ) سەزگۈ ئېپتېلىيىسىنى ھاسىل قىلىدۇ. بەزىلىرى سەزگۈ ئورگىنىنى (ئاپپاراتىنى) شەكىللەندۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلىدىغان قىللىرى (بۇرۇتلىرى) بولىدۇ. مەسلەن: ئاڭلاش قىلى، تەككەننى قىلى قاتارلىقلار. فونكسيە جەھەتتىن بۆلگەندە، تەمنى سەزگۈچى ھۈجەيرە، ئاڭلاش ھۈجەيرىسى، كۆرۈش ھۈجەيرىسى ۋە ئورۇننى سەزگۈچى ھۈجەيرە قاتارلىق تۈرلەر بار.