Uyghurئاساسىي لۇغەت
سەئەد ھۆكۈم مىسالى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
دەسلەپكى چاغلاردىكى شەرىئەت ھۆكۈمىدىكى مەشھۇر مىساللارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، سەئەد دەسلەپكى ساھابىلارنىڭ بىرى بولۇپ، جىھاد ئۈستىدە قازا قىلغانىكەن، ئۇكىسى ئۇنىڭ ھەممە مۈلكىنى ئېلىۋاپتۇ. يېسىر خوتۇن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەرز قىپتۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام <قۇرئان كەرىم> دىكى ھۆكۈمگە ئاساسەن، يېسىر خوتۇنغا مىراسنىڭ سەككىزدىن بىرىنى، ئىككى قىزىغا ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى، قالغان (24 تىن بەش قىسمى) نى مەرھۇمنىڭ ئۇكىسىغا بۇيرۇپ بېرىپتۇ. مۇشۇ ھۆكۈمگە ئاساسەن، <قۇرئان كەرىم> دە بەلگىلەنگەن نېسىۋىگە ۋارىسلىق قىلغۇچىنىڭ كونا ئاتىلىق مۇناسىۋىتىدىكى مىراسخورنىڭ نېسىۋىسىدىن ئارتۇق بولۇش پرىنسىپى تۇرغۇزۇلغان.