Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
سەۋىيە جەمئىيىتى
دۇنيا تارىخى
水平社
shuǐ píng shè
مەملىكەتلىك سەۋىيە جەمئىيىتىمۇ دىيىلىدۇ. ياپون قەبىلەئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ مەملىكەت خاراكتىرلىك سياسىي تەشكىلاتى. سائىكو مانكىچى، ساكامو توسېئى ئىچىرو، كومائى كىساكۇلار تەرىپىدىن 1922 - يىلى كيوتودا قۇرۇلغان بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ باشلىقى ئەن مېيجى، ئورگان ژورنىلى <سەۋىيە>. ھەرقايسى جايلىرىدا تارمىقى قۇرۇلغان بولۇپ، ئىرقىي كەمسىتىشكە، سىياسىي زۇلۇمغا ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن قۇل قىلىشقا قارشى پائال كۈرەش قىلغان. 1942 - يىلى پائالىيىتىنى توختاتقان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ياپون قەبىلىسى سەۋىيە جەمئىيىتى ھەرىكىتى ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، 1946 - يىلى <قەبىلە ئازادلىقى مەملىكەتلىك كومىتېتى> تەشكىللىگەن، 1955 - يىلى <قەبىلە ئازادلىق ئىتتىپاقى>غا ئۆزگەرتىلگەن.