Uyghurئاساسىي لۇغەت
سەۋەبلىك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. بىرەر سەۋەبى بولغان، بىرەر سەۋەب بىلەن ئىسپاتلانغان؛ ئاساسلىق، ئورۇنلۇق.
ئۇنىڭ بۈگۈن ئىشقا كېلەلمىگەنلىكى <سەۋەبلىك> دەپ يېزىپ قويۇڭ.
تىر. سەۋەبى بىلەن، تۈپەيلى، ئۈچۈن.
ئەگەر بۇ گۇناھىمىز سەۋەبلىك بىزنى شەپقەتسىز، رەھىمسىز ھۆكۈمراننىڭ ئالدىغا ئەۋەتسەڭ، ئۇ قانداق جازا ئىجرا قىلاتتى.