Uyghurئاساسىي لۇغەت
سەت
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چىرايلىق ئەمەس، كۆرۈمسىز قىياپەت.
ئەڭ چىرايلىق مايمۇنمۇ ئادەم ئالدىدا يەنىلا سەت. سەت تونۇڭنى سىرتقا كىيمە. خۇنۈكنى پەردازلىساڭمۇ خۇنۈك. ئۇ ئۆرىنى سوغۇق نېمىكەنا. دۈشمەننىڭ بەتبەشىرىسى ئاشكارا بولدى.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
چىرايى، ھۆسنى، جامالى، تەلەتى ۋە ئومۇمەن كۆرۈنۈشى كېلىشمىگەن، يارىشىملىق يېقىملىق ئەمەس.
چىرايلىق، گۈزەل، ئۇز، كۆركەم، زىبا، بەرنا، ساھىبجامال
چىرايى، ھۆسنى، جامالى ۋە ئومۇمەن كۆرۈنۈشى كېلىشكەن، يارىشىملىق، يېقىملىق.
چىرايلىق چىرايلىق ئەمەس، سۆيگەن چىرايلىق. چىرايلىقنىڭ دەردى يامان، سەتنىڭ ھالى. كۆرۈپ يۈرگەن چىرايلىقنى ئالغۇچە، كۆرۈپ بىلگەن سەتنى ئال. ئادەم پەقەت ھۆسنى بىلەن گۈزەل ئەمەس، ئادىمىيلىك جەۋھىرى بىلەن گۈزەل. مانتىغا پىياز، سامسىغا تۇز، ھەركىمنىڭ يارى ئۆزىگە ئۇز. لايىقىڭ خۇنۈك بولسا، قېيىن ئاناڭنىڭ كۆركىدىن نېمە پايدا. گۈزەل قىز ئاقىۋەت سەت موماي بولار. كۆرۈمسىز بولسىمۇ ئېرىڭ بولسۇن. خۇنۈكنى پەردازلىساڭمۇ خۇنۈك. دۈشمەننى بەتبەشىرىسى ئاشكارا بولدى. ئالدىمغا بىر سۆرۈن تەلەت خوتۇن چىقتى. ئون سەككىز يېشىڭ - زىبا چېغىڭ، ساھىبجامال تاللاش مۇسابىقىسىدە مۇنەۋۋەر بىرىنچىلىككە ئېرىشتى.
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
ۋاقىت، چاغ، دەم. مەسىلەن: بىر سەتتىن كېيىن كېلەي؛ بىر سەت تۇرۇپ تۇر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
كۆرۈنۈشى كىشىنى ئۆزىگە جەلپ قىلمايدىغان، چىرايلىق ئەمەس، كۆرۈمسىز.
ياشنىڭ سەتى يوق، قېرىنىڭ چىرايلىقى يوق (ماقال).
ئەيىب دەپ قارىلىدىغان، ئۇياتلىق.
يىگىت ئادەمگە <ئالىمەن دېگەن قىزنى تارتتۇرۇپ قويۇپتۇ> دېگەندىن سەت ئىش يوق.
كۆچمە. قۇلاققا ياقمايدىغان، يېقىمسىز ئىشىتىلىدىغان، قوپال.
ئۇلار سەت ئاۋازدا ۋارقىرىشىپ - جارقىرىشىپ كەينىگە يېنىشتى.
<ياخشى ئەمەس، يامان، ئۇيات> دېگەن مەنىسىدە كېسىم رولىدا كېلىدۇ.
بۇ ھالغا چۈشۈپ قېلىش ھەقىقەتەن سەت.