Uyghurئاساسىي لۇغەت
سەرگەردان
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
بېشى ئايلانغان، قەيەرگە بېرىشىنى بىلمەيدىغان، سەرسان، ساياق:
تىلەر سەندىن بۇ سەرگەردان كەمىنە،
بويول قەتئىگە رەخشى يار سەفىنە.
ناقىس.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
چىقىش يولى يوق، بېشى قايغان، چۆگىلەپ قالغان، ساياق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر كەسىپ تۇتماي، بىر يەردە ماكان تۇتماي، ئۇ ياق _ بۇ ياققا بېرىپ - كېلىپ يۈرگۈچى.
«ئەلكېزەر» قەشقەر شېۋىسىدە، «بۇرالقى» قۇمۇل شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
ھەق بولمىغان ھايات ئاۋارە، سەرسان. ئادەمنى سەرسان قىلغان ئاللانىمۇ سەرسان قىلار. يار دەردىدە سەرگەردان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
پارىسچە
ئۆز يۇرت - ماكانىدىن ئايرىلىپ، توغرا كەلگەن يەردە يېتىپ - قوپۇپ ھايات كەچۈرىدىغان؛ سەرسان.
سەرگەردان كىشى. سەرگەردان بولماق.