Uyghurئاساسىي لۇغەت
سەرەڭگە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تال - تال ئۇششاق ياغاچقا فوسفور ياكى گۈڭگۈرت بىرىكمىسى سۈركەشتىن ئوت ھاسىل قىلىدىغان نەرسە.
«گۈڭگۈرت» قەشقەر، ئاقسۇ شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
«ياڭخو» خەنزۇچە، ھازىر ئىشلىتىلمەيدۇ.
سەرەڭگە چاقماق _ قاراڭغۇدا ياقماق. بىر دەرەختىن ياسىلار مىڭلاپ سەرەڭگە، مىڭ دەرەخنى كۆيدۈرەر بىر سەرەڭگە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئوت ھاسىل قىلغۇچى بىر خىل بۇيۇم، قېپى قۇتا شەكلىدە، ئىچىدە ئىنچىكە ياغاچ پارچىلىرىدىن قىلىنغان ئۇششاق تاللىرى بولىدۇ. تاللىرىنىڭ بىر بېشى فورسفور ياكى گۈڭگۈرت بىرىكمىلىرىگە چىلانغان، قېپىنىڭ يان تەرىپىگە فوسفور سۈركەلگەن. تېلىنى قېپىغا سۈركىگەن ھامان ئوت ھاسىل بولىدۇ.