Uyghurئاساسىي لۇغەت
سەقىفە كېڭىشى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئورۇنباسارىنى بەلگىلىگەن كېڭەش. مۇھەممەد ئەلەيھىسالام 632 - يىلى 6 - ئايدا ۋاپات بولغاندىن كېيىن، مەدىنىدىكى ئەنسارلار مىيىت نامىزىدىن ئىلگىرى سەقىفە (لەمپىلىك سەينا) گە يىغىلىپ، سەئىد ئىبنى ئۇبادە (؟ - 636) نى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئورۇنباسارى قىلماقچى بولدى. ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ، ھەزرىتى ئۆمۈر قاتارلىق كىشىلەر بىلەن يېتىپ كېلىپ، ئورۇنباسارنى مەدىنىدىكى مۇھاجىرلار ئىچىدىن سايلاشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئىككى تەرەپ قاتتىق مۇنازىرىلىشىپ، ئاخىر مەدىنلىكلەر قايىل قىلىندى. ھەزرىتى ئۆمەر ۋە باشقا ساھابىلارنىڭ قوللىشى بىلەن ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى تۇنجى خەلىپە بولۇپ سايلاندى.