Uyghurئاساسىي لۇغەت
سەپ
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
1 . فرونت، مەيدان.
ئالدىنقى سەپ. * بىرىنچى سەپ. * ئىنقىلاب سېپى. * ئىدىيە سېپى.
2 . كىشىلەرنىڭ مەلۇم تەرتىپتە تىزىلغان قاتارى. سەپ تۇزمەك. * سەپ تارتماق. * سەپكە تىزىلماق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
(كونىرىغان سۆز) . ياتلىق بولغان قىزغا ئاتا - ئانىسى بەرگەن بىسات، نەرسە - كېرەك.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
سەپمەك، سېپىش. سۇيۇقلۇقنى تۇزان ياكى تامچە قىلىپ باشقا نەرسىلەرنىڭ ئۈستىگە تەكشى چاچماق، پۈركىمەك.
يەرگە سۇ سەپمەك. * بىر قولۇڭ بىلەن سەپكەننى ئىككى قولۇڭ بىلەن تەر (ماقال) . * سۇنى سەپ سىڭار يەرگە، گەپنى قىل سىغار يەرگە (ماقال) .
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
(سەپسالماق) دىققەت بىلەن قارىماق، ئىنچىكىلەپ كۆرمەك.
«سەپ» تىن بىر تەجنىس:
ئەۋلادنى تەربىيىلەپ دىلىغا نۇر سەپ،
يېتىشسۇن زېرەكلەر ئارقاڭدىن سەپ - سەپ.
_ ئەركىن ئەبەيدۇللا.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دەپتەردە ئوبدان شېئىر تارتمايدىكەن سەپ، ئۇ دۇردانىدىن خالىي پۈچەك سەدەپ. دۇتار تارىسى ساتاردا يوق، بىلىمسىز كىشى قاتاردا يوق. قاتاردىن قالغۇچە، خاتادىن قال. ئالدىنقى رەت تىياتىردا، كەينىدىكى رەت كىنودا ئەتىۋارلىق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ياتلىق قىلىنغان قىزغا تويدا ئەر تەرەپ ئېلىپ كېلىدىغان نەرسە - كېرەك.
ھىندونېزىيىنىڭ جۇنگار شەھىرىدە دائىم قۇرغانچىلىق بولۇپ سۇ قىس ئىكەن، قۇرغاقچىلىق بولغاندا سۇنىڭ قىممىتى ياغ بىلەن تەڭ بولىدىكەن. شۇڭا ئاتا - ئانىلار قۇدىلاشقاندا قىز مېلى ئۈچۈن مال - دۇنيا ئالماي سۇ ئالىدىكەن. ھىندىستاننىڭ بەزى يەر، بەزى قەبىلىلىرىدە كېلىن قىزلىق مالىنى يېتەرلىك ئەپكىلەلمىگىنى ئۈچۈن خورلىنىدىكەن ۋە ھەتتا ئۆلتۈرۈپ قويۇلىدىكەن ياكى كېلىن ئىزا ئاھانەتتىن ئۆلۈۋالىدىكەن. شۇ كۈنلەردە تويدا سەپ ئېغىرلىشىپ كەتتى.
شىۋىلەر
قەشقەر شىۋىسى
كېلىن بولغۇچى قىز ئۈچۈن تەييارلانغان ئۆي جاھازلىرى.
شىۋىلەر
پەم. مەسىلەن: پۇلنى سەپ بىلەن: خەجلەش كېرەك.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
سەپ.
كېلىن بولغۇچى قىز ئۈچۈن تەييارلانغان ئۆي جاھازلىرى.
1 - 418
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
تەييار بولماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
كىشىلەرنىڭ مەلۇم تەرتىپتە تىزىلغان قاتارى.
سەپكە تىزىلماق. سەپ بولماق.
مەلۇم مەقسەتتە ئۇيۇشقان كىشىلەر توپى، تارماق، ساھە.
ۋاھاپ ياشلار سېپىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى.
جەڭ ياك كۈرەشتە بىر رەھبەرلىك ئاستىدا تەشكىللەنگەن قوشۇن ۋە مۇشۇنداق قوشۇن ئورۇنلاشقان جاي.
ئالدىنقى سەپ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پەم.
ھەيدەر، راست سەن تۈجۈپىلەپ ئىشلەپ سەپ بىلەن پۇل خەجلەپ بېيىغان ئادەمسەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دىئال. بولغۇسى قىز ئۈچۈن تەييارلانغان ئۆي جاھازلىرى.