Uyghurئاساسىي لۇغەت
سەنئەت
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
(ئەرەبچە جىنغت سۆزىدىن)
1 . سەنئەت، 2 . ھۈنەر، كەسىپ، 3 . ئىشلەپچىقىرىش - سانائەت مەنىلىرىنى بىلدۈرگۈچى سۆز. سەنئەت ئىدېئولوگىيىگە خاس ئۈستقۇرۇلمىنىڭ بىر تۈرى سۈپىتىدە ئەدەبىيات، مۇزىكا، ئۇسسۇل، مېمارچىلىق، ھەيكەلتاراشلىق، رەسساملىق، كىنو، سەھنە سەنئىتى قاتارلىق خىلمۇخىل سەنئەت تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ماھىر ئەدىب، ئۇستا چالغۇچى، ئاجايىپ ئۇسسۇلچى ۋە باشقا سەنئەت ئەھلىلىرى «سەنئەتكار» دەپ ئاتىلىدۇ.
سەنئەتنىڭ ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيىتى ۋەقەلىكنى ئوبرازلار ۋە يارقىن مەنزىرلەر ئارقىلىق بەدىئىي ئىپادىلەشتىن ئىبارەت بولىدۇ. ئۇ شۇ خۇسۇسىيىتى بىلەن ئىدىئولوگىيىنىڭ باشقا شەكىللىرى (سىياسەت، ئەخلاق ۋە باشقىلار)دىن پەرق قىلىدۇ، ئەمما ئىجتىمائىي ئەھمىيىتى ۋە سىنپىي خاراكتېرى جەھەتتىن ئۇ ئىدېئولوگىيىنىڭ باشقا شەكىللىرىدەك ئۈستقۇرۇلما ھادىسىسىدۇر. ۋەھالەنكى، ھەربىر دەۋىرنىڭ سەنئىتىنى ئۆز زامانىمىزنىڭ مۇئەييەن ئىقتىسادىي تۈزۈمى (بازسى) دىن ھەمدە باشقا ئىدېئولوگىيىلىك ھادىسىلىرىدىن، جۈملىدىن سىنىپىي كۈرەش، پەلسەپە ۋە ئەخلاق تەلىماتلىرىدىن ئايرىغان ھالدا باھالاش مۇمكىن ئەمەس.
سەنئەتنىڭ ھەرقايسى تۈرلىرى خەلق ئاممىسىغا ئېستېتىك زوق ۋە ھۇزۇر بېغىشلايدۇ. سەنئەت ئىپادىلەش شەكلى ھەم ۋاستىسىنىڭ ئوخشاشماسلىقى تۈپەيلىدىن تىل سەنئىتى، سەھنە سەنئىتى، سۈرەتلەش سەنئىتى ۋە ئۇنىۋېرسال سەنئەت قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ھۆنەر، قول ئىشى، ئۇستىلىق: سەنئەت بەرداز - سەنئەتكار، ئۇستا ھۈنەرۋەن؛ سەنئەتكەر - ھۈنەرۋەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئوبراز يارىتىش ئارقىلىق رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان، رېئاللىققا قارىغاندا تىپىك خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە بولغان بىر خىل ئىجتىمائىي ئىدېئولوگىيە. ئۇ ئەدەبىيات، رەسساملىق، نەققاشلىق، بىناكارلىق، مۇزىكا، ئۇسسۇل، تىياتىر، كىنو ۋە ئەلنەغمە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئەمەلىي پەنلەرنىڭ ئۆزىگە خاس ئىش ئۇسلۇبى، سىستېمىسى.
ھەربىي سەنئەت. رەھبەرلىك سەنئىتى.
كۆچمە. يۈكسەك ماھارەت، ئۇستىلىق.
ھۆپىگەرلەرنىڭ خېرىدار قىچقىرىپ توۋلاشلىرى، ئاشپەز - ناۋايلارنىڭ مانتا ساناشلىرى، نانلىرىنى ماختاشلىرىمۇ بىر سەنئەت ئىدى.
ناخشا - ئۇسسۇل؛ ناخشا - ئۇسسۇل ساھەسى ياكى ئۆمىكى.
ئۇ: - ھە، مەن ناخشا ئېيتىشىغا قاراپ سەنئەتتە ئىشلىسە كېرەك دەپ ئويلاپتىمەن،- دېدى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئەرەبچە
سەنئەتگۈل
ياسىماق، ھۈنەر