Uyghurئاساسىي لۇغەت
سەنۇسى ھەرىكىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
شىمالىي ئافرىقىدىكى يېقىنقى زامان ئىسلام ئىجتىمائىي ھەرىكىتى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ ھەرىكەتنى مۇھەممەد بىننى ئەلى سەنۇسى باشلىغانلىقتىن شۇنداق ئاتالدى. 19 - ئەسىرنىڭ 20 - 30 - يىللىرى سەنۇسى مەككىدە تەسەۋۋۇپچى ئۆلىمالارنى ئۇستاز تۇتتى ھەمدە ئۆزىگە ئىسلام دىنىنى گۈللەندۈرۈش ۋەزىپىسىنى بۇيرۇپ، مۇسۇلمانلارنى ئىتتىپاقلىشىپ، مۇھەممەد ئەلەيھسسالام دەۋرىدىكى ئەقىدىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە چاقىردى. 1837 - يىلى مەككىگە يېقن جايغا زاۋىيە سېلىپ دىنىي تەبلىغات ئورنى قىلدى. يەرلىك ئۆلىمالار چەتكە قاققانلىقتىن، 1840 - يىلى سلانىكا (ھازىرقى لىبېرىيىنىڭ چېگرىسى ئىچىدە) غا باردى ھەمدە 1843 - يىلى شىمالىي ئافرىقىدا ھاكىمىيەت بىلەن دىن بىرلەشتۈرۈلگەن تۇنجى ئاساسىي قاتلام زاۋىيە تەشكىلاتىنى قۇرۇپ، دىنىي، سىياسىي تەشەببۇسنى يولغا قويدى. دىننى تەبلىغ قىلىدىغان باش ئورگاننى كېيىن جاڭبۇب بوستانلىقىغا يۆتكىدى. شىمالىي ئافرىقىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كېلىدىغان مۇسۇلمانلار كۆپ بولدى. 19 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدا زاۋىيە 100 گە يېقىن، شىمالىي ئافرىقىغا ئومۇملاشتى. مۇرىدلار ئۈچ مىليونغا يېتىپ، شىمالىي ئافرىقىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ئىجتىمائىي ھەرىكەت بولۇپ قالدى. ئۇلار قۇملۇقتىكى قەبىلىلەرنىڭ ئادەملىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ ۋە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ۋە غەربنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى؛ ئىسلام دىنىنىڭ دەسلەپكى چاغلاردىكى روھىنى جارى قىلدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، مۇسۇلمانلاردىن دىنىي پەرزلەرنى قاتتىق ئادا قىلىشنى، شەرىئەتكە بويسۇنۇشنى تەلەپ قىلدى ھەمدە فەقىھلەرنىڭ <قۇرئان كەرىم> گە ۋە ھەدىسكە ئاساسەن، شەخسىي پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى قوللىدى؛ مۇرىدلارنى نەپسىنى يىغىپ، ئاددىي - ساددا ياشاشقا، سىرتنىڭ تەسىرگە ۋە ماددىي راھەتكە بېرىلىپ كېتىشكە قارشى تۇرۇشقا، ئەخلاق جەھەتتىكى تەربىيلىنىشنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە چاقىردى. ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە ۋە ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرىگە پائال قاتنىشىپ، جەمئىيەت پاراۋانىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جىھادنى تەشەببۇس قىلىپ، مۇرىدلارغا ھەربىي تەلىم - تەربىيە بەردى. كېيىن بۇ ھەرىكەتكە سەنۇسىنىڭ ئوغلى مۇھەممەد مەھدى سەنۇسى (1844 - 1901) رەھبەرلىك قىلىپ، ھەرىكەتنى داۋاملىق راۋاجلاندۇردى. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە ھەرىكەت خارابلىشىشقا باشلىدى.