Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
森纳那亚克
دائىرە: دۇنيا تارىخىسېناناياك
(1884 - 1952). سەيلون (ھازىرقى سېرىلانكا) دومىنىئوننىڭ تۇنجى زۇڭلىسى. چوڭ ئېكىنزارلىق مەيدانىنىڭ خوجايىنى. كولومبودا تۇغۇلغان. كولومبودىكى ئەنگلىيە چېركاۋىنىڭ سان توماس شۆيۈەنىدە ئوقۇغان. 1922 - يىلى سەيلون قانۇن چىقرىش كېڭىشىگە كىرگەن، 1927 - يىلى مەمۇرىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى بولغان. 1931 - يىلدىن باشلاپ15 يىلدىن ئارتۇق يېزا ئىگىلىك ۋە يەر مىنىستىرى بولغان. 1946 - يىلى بىرلەشكەن گومىنداڭ پارتىيىسىنى قۇرۇپ، ئۇنىڭغا رەئىس بولغان. بىرلەشكەن گومىنداڭ پارتىيىسى 1947 - يىلى 8، 9 - ئايلاردىكى چوڭ سايلامدا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەت زۇڭلىسى بولغان. سەيلون 1948 - يىلى 2 - ئايدا دومىنىئونلۇق ئورنىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، زۇڭلىلىقنى داۋاملىق ئۆتىگەن ھەمدە قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان، 1951 - يىلى يەنە سەھىيە ۋەيەرلىك مەمۇرىيەت مىنىستىرلىكىنى قوشۇمچە ئۆتىگەن. ئىككىنچى يىلى ئاتتىن يىقىلىپ، ئېغىر زەخمىلىنىپ ۋاپات بولغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ خەنزۇچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.