Uyghurئاساسىي لۇغەت
سەمەن
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئاق، سېرىق رەڭلىك بىر خىل خۇش پۇراق گۈل:
نەچچە قامچى تۈشۈپتۇر ئول قەدى سىيمىن بەدەن، ئۆزرە،
پەياپەي ساتقە تۈشكەن كەبى سەرۋۇ سەمەن ئۆزرە.
نەۋايى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
خۇشبۇي ئاق چېچەك، ياسىمەن گۈلى (<ياسىمەن> نىڭ قىسقارتمىسى): سەمەن بەر - ياسىمەن گۈلىدەك خۇشپۇراق؛ ئاپپاق.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئاقچە، پۇل؛ باھا، نەرق.