Uyghurئاساسىي لۇغەت
سەلىم
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ساغلام، سالامەت، ئامان:
مېھنەتۇ دەردۇ ئەلەم بولدى نەسىھەت سۇبھۇ شام،
كىمگە بولسە ئەي قەلەندەر دانىشۇ تەبىئى سەلىم.
قەلەندەر.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ساغلام، ئامان؛ تولۇق، مۇكەممەل، كەمچىلىكسىز؛ ساپ؛ مۇلايىم، يۇۋاش؛ توغرا.
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن 1467 - 1520) تۈركىيەنىڭ سۇلتانى (1512 - 1520). بايەزىد Ⅰ نىڭ كەنجى ئوغلى. 1514 - يىلى 8 - ئايدا چالدىران (ھازىرقى ئىراننىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىدا) جېڭىدە سافى سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانى ئىسمايىل Ⅰنى يېڭىپ، شەرقىي ئەرمىنىيە ۋە كۇردىستاننى ئىشغال قىلغان. 1516 - يىلى 8 - ئايدا، ئالېپپونىڭ شىمالىي قىسمىدىكى دابىكيو يايلىقىدا مەملۇكلەر سۇلالىسىنىڭ قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلىپ، سۈرىيە بىلەن پەلەستىننى بويسۇندۇرغان. 1517 - يىلى قاھىرەنى ئېلىپ، مەملۇكلەر سۇلالىسىنى مۇنقەرز قىلىپ، ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس شەھىرى مەككە ۋە مەدىنىلەرنى كونترول قىلغان ھەمدە ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى خەلىپىسى مۇتاۋككىلنى ئىستانبۇلغا ئېلىپ بارغان. شۇنىڭدىن كېيىن تۈركىيە سۇلتانى ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ ئالىي دىنىي داھىيسىغا ئايلانغان.
دۇنيا تارىخى
(1761 - 1808)، تۈركىيە سۇلتانى (1789 - 1807). 18 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، ئوسمان ئىمپېرىيىسى كۈنسېرى زاۋاللىققا يۈزلەنگەن، ئىمپېرىيىنى كرزىستىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، سەلىم Ⅲ <يېڭى تۈزۈم> ئىسلاھاتىنى ئېلىپ بېرىپ، ھەربىي مەجبورىيەتنى ئۈستىگە ئالمىغان فېئودال، ۋەزىرلەرنىڭ سۇيۇرغاللىق يېرىنى مۇسادىرە قىلىش، قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز ئارمىيىلىرىنى ياۋرۇپاچە ئۇسۇلدا تەشكىللەش، ھەربىي قۇرۇلۇش مەكتىپى ئېچىش، مەمۇرىي ئورگانلارنى ئىسلاھ قىلىش، دىپلوماتىك پائالىيەتلەرنى كۈچەيتىش قاتارلىقلارنى يولغا قويغان. ئەمما بۇ ئىسلاھات دىنى ۋە دەھرىي فېئوداللار ھەمدە مۇھاپىزەتچى قوشۇننىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. 1798 - يىلى ناپولېئون مىسىرنى بېسىۋالغانلىقى ئۈچۈن فرانسىيىگە قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلىپ، فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاققا قاتناشقان. 1806 - يىلى روسىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلغان. 1807 - يىلى مۇھاپىزەتچى قوشۇنى سىياسىي ئۆزگىرىش ياساپ، يېڭى تۈزۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا مەجبور بولغان. شۇ يىلى سۇلتانلىقتىن چۈشۈرۈلگەن.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
دۇرۇس، توغرا
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
سېلىم
ساغلام، ساق
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئەرەبچە)
ساغلام، ئامان-ئېسەن ياشىغۇچى، ئۆمرى ئۇزۇن ياكى ساددا دىل، سەمىمىي، دىلكەش. باشقا شەكىللىرى: سەلىمباي، سەلىمبەگ، سەلىمجان، سەلىمخان.