Uyghurئاساسىي لۇغەت
سەل
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
قىيان، تاشقىن، كەلكۈن.
ئارتۇقىنى ئەل ئالسۇن، قالغىنىنى سەل (ماقال) . * تەۋرەپ كەتكەن ئەلدىن قورۇق، يامراپ كەلگەن سەلدىن قورۇق (ماقال) .
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
كۆزگە ئىلماسلىق، پەرۋا قىلماسلىق (سەل چاغلىماق).
دۈشمەننى سەل چاغلىساڭ بېشىڭغا چىقىدۇ (ماقال).
دانىشمەنلەر سۆزى ئېسىمدە ھامان.
ئاجىز ياۋنى سەل چاغلىماق يامان.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قاتتىق ھۆل - يېغىندىن ياكى قار ئېرىشتىن ھاسىل بولغان كۈچلۈك سۇ ئېقىمى.
تەۋرىگەن ئەلدىن قورق، يامرىغان سەلدىن قورق. قىيان ئۈنسىز ئۇرۇش، تىلسىز جەڭ. تاشقىن كېتەر، تاش قالار. چۈمۈلىنىڭ ئۇۋىسىدا تامچىمۇ تاشقىن. كەلكۈندە لاي سۇ ئىچەرسەن. كەلكۈن سۇ _ يىرتقۇچ ھايۋان. جاھاننى توپان باسسا، ئۆردەككە نېمە غەم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
سۇ ئىشلىرى
قاتتىق ياغقان يامغۇر ياكى قار سۇلىرىنىڭ توپلىنىشىدىن ھاسىل بولىدىغان كۈچلۈك سۇ ئېقىمى، كەلكۈن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
رەۋىش
بىر ئاز، ئازراق، ئازغىنا.
سەل چوڭ. سەل تۇرۇپ تۇرماق.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
قىيان، تاشقىن، سەل؛ جۇشقۇن كىشى.