Uyghurئاساسىي لۇغەت
سەجدە قىلماق
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
تەزىم قىلماق، تېپىنماق:
ئىبادەت قىلىپ تۇردى مەئبۇدغە،
كېچەلەر قىلىپ سەجدە مەسجۇدغە.
ئا. نىزارى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قاتتىق ئېتىقاد قىلماق، ئىززەت _ ھۈرمەت قىلماق.
تولۇن ئايغىمۇ كۈندىن ئارتۇق چوقۇنما. تەڭرىگە سېغىنغان تەڭرىگە باقار. تەڭرىگە تىۋىنىدۇ، شەيتانغا يېلىنىدۇ. ئاللادىن باشقىغا سەجدە قىلىش يوق. باش قويماق تەمەدىن بولىدۇ. زالىم ھۆكۈمراننىڭ ئايىغىغا باش قويغاننىڭ بېشىنى ئال. بەزىلەر چوڭلارنىڭ ئايىغىغا سەجدە قىلغۇسى كېلىپ كېتىدۇ. چۈنكى ئۇ مەنسەپ تەمە قىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<دىن> ناماز ئوقۇغان ياكى ئىبادەت قىلغاندا تىز چۆكۈپ، ئىككى قول بىلەن يەرنى تىرەپ، پېشانىنى يەرگە تەگكۈزمەك، باش قويماق.
كۆچمە. باش ئەگمەك، بويسۇنماق، تىز چۆكمەك.
يىگىت كەينىگە بۇرۇلۇپ قارىسا ئالامەت يوغان بەتھەيۋەت 77 دىۋە يىگىتكە سەجدە قىلىپ، يەر سۆيۈپ ياتقۇدەك.