Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
سەيىس - ئىنكۇئارت
دۇنيا تارىخى
赛斯-英夸特
sài sī -yīng kuā tè
(1892 - 6194)ئاۋستىرىيىلىك ناتسىت، ئادۋوكات. 1937 - يىلى، مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1931 - يىلى مىللىي ئىتتىپاققا كىرىپ، ئاۋسترىيە ناتسىستلار پارتىيىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەت ئورناتقان. 1938 - يىلى ئاۋسترىيە مىللىي سوتسيالىستىك ئىشچىلار پارتىيىسىگە رەسمىي قاتنىشىپ، فاشىستىك ھەرىكەت بىلەن پائال شۇغۇللانغان ۋە گېرمانىيە بىلەن ئاۋسترىيەنىڭ قوشۇلىشىنى پىلانلىغان. 1938 - يىلى 2 - ئايدا گېتلېرنىڭ بېسىمى بىلەن، شۇسنىگ تەرىپىدىن جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكىگە تەيىنلىنىپ، گېرمانىيەنىڭ ئاۋسترىيەنى بېسىۋېلىش سۈيقەستىنى پىلانلاشقا بىۋاستە قاتناشقان. 3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى گىتلېر تەرىپىدىن ئاۋسترىيە زۇڭلىلىقىغا يۆلەپ چىقىرىلغان، 3 - ئاينىڭ 13 - كۈنى ئاۋسترىيە بىلەن گېرمانىيەنىڭ قوشۇلۇشى توغرىسىدىكى قانۇن ماقۇللانغان. شۇنىڭ بىلەن گىتلېرنىڭ ئاۋستىرىيىنى يۇتۇۋېلىشى <قانۇنلاشتۇرۇلغان>، ئۇزۇن ئۆتمەي گېرمانىيەنىڭ شەرقىي چېگرا رايونى (يەنى ئاۋسترىيە)نىڭ باش ۋالىيسى بولغان. 1939 - يىلى 5 - ئايدا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى بولغان. 1940 - 1945 - يىللىرى، گېرمانىيە قوشۇنىنىڭ ئىشغالىيىتىدىكى گوللاندىيەنىڭ باش ۋالىيسى بولۇپ، گوللاندىيە ئىشچىلىرى، قارشىلىق كۈچلىرى ۋەيەھۇدىيلارغا دەھشەتلىك زىيانكەشلىك قىلغان. 1946 - يىلى نيۇرىنبېرگ خەلقئارا ھەربىي سوتى تەرىپىدىن ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن.