Uyghurئاساسىي لۇغەت
سەھرا
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
دەشت، چۆل، باياۋان:
يەنە غالجە،سەيرەت، بەدەقشان ئېلى،
كى سەھرادا يۈرگەن، بەيابان ئېلى.
ئا. نىزارى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سۇ يوق، ئىقلىم قۇرۇق، ئۆسۈملۈك ئاز، قۇم ۋە ياكى شېغىل بىلەن تولغان يەر.
بىرى چۆل، بىرى گۈل. چۆلگە يامغۇر ياخشى، يومدانغا چامغۇر. دەشت _ باياۋاندا ئۇسسۇز قالمىغان سۇنىڭ قەدىرىنى بىلمەس. جەزىرىدە جەرەن تۇت. گوبىدا گىياھ يوق. پايدىسى يوق بايدىن سۈيى يوق ساي ياخشى. دالىدا ئۆسكەن مەھەللىگە كۆنمەس. سەھرانىڭ بېگى بولغۇچە، شەھەرنىڭ ئىتى بول. قۇملۇقتىن ئۆتەلىگەن قۇمدىن قورقمايدۇ. تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن تاشيول ياسالدى. يازىدا بۆرە ئۆلسە، ئەۋدە ئىت باغرى تارتىشتۇر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئۆسۈملۈك، دەل - دەرەخ ئۆسمىگەن ياكى ئاندا - ساندا ئۆسكەن؛ سۇسىز، بىپايان يەر؛ دەشت - باياۋان، چۆل.
يېزا.
سەھرا ئادىمى.