Uyghurئاساسىي لۇغەت
سەھىھۇل بۇخارى
قەدىمكى ئەسەرلەر
XKQ/1317
بۇ ئەسەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى بولۇپ، ئاپتورى: ئىسمايىل بۇخارى. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل - دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 24 × 18 سانتىمېتىر، 304 بەت. ئەرەبچە، قول يازما.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ھەدىسلەر توپلىمىنى مۇھەممەد بىننى ئىسمائىل بۇخارى توپلىغان. سۈننىي مەزھىپىنىڭ ئالتە چوڭ ھەدىس كىتابىنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. <سەھىھۇل مۇسلىم> بىلەن بىللە <قۇرئان كەرىم> سىرتىدىكى ئىككى مۇقەددەس كىتاب، دەپ ھېسابلىنىدۇ. ئىسلام دۇنياسىدا كەڭ ئىناۋەتكە ئىگە، رىۋايەت قىلىنىشىچە، مۇھەممەد بىننى ئىسمائىل بۇخارى 16 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، خەلىپە ئىمپېرىيىسىگە قاراشلىق جايلارنى ئايلىنىپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆز - ھەرىكەتلىرىگە دائىر 600 مىڭدىن ئارتۇق رىۋايەت توپلىغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئىشەنچلىك، دەپ قارالغان يەتتە مىڭ 300 دىن ئارتۇق (بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە توققۇز مىڭ 800 دىن ئارتۇق) ھەدىسنى تاللىۋېلىپ، فىقھەنىڭ تۈرگە ئايرىش ئۇسۇلى بويىچە 97 كىتاب (بەزى رىۋايەتلەردە 160 كىتاب) قىلىپ تۈزگەن. بۇ كىتابلاردىكى 2623 ھەدىس شەكسىز ئىشەنچلىك نوپۇزغا ئىگە، دەپ ھېسابلىنىدۇ. <سەھىھۇل بۇخارى> Ⅸ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى پۈتتى.