Uyghurئاساسىي لۇغەت
سەھەر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
تاڭ، ئەتىگەن، سەھەر، سۈبھى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
سەھەر ۋاقتى، تاڭ ۋاقتى: سەھەر خوتبەسى - خورازنىڭ چىللىشى (كۆچمە مەنىدە).
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
<ساھىر> غا قاراڭ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۈن يۇرۇشقا باشلىغان چاغ.
ھەر كۈننىڭ ئۆز تېڭى بار، ھەر تاڭنىڭ ئۆز غېمى بار. سەھەر تۇرغان ئىتتىن قورق. ئەتىگەن تۇرغان ئەلدىن ئۇزار. ئەسلەيمەن سېنى يارىم، سۈبھى - شام ھەرقاچان. بامدات نامىزىغا ئەزان چىقتى.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
كۈن يورۇغان بىردەملىك ۋاقىت.
كەچ، كەچقۇرۇن، زاۋال، گۇگۇم، شام، ئاخشام
كۈن پېتىش ئالدىدىكى بىردەملىك ۋاقىت.
ئەتىگەن ئوڭمىغان، كەچ ئوڭماس. كەچتىكى چايغا بارغۇچە، ئەتىگەندىكى سوقۇشقا بار. تاڭنىڭ ئېتىشى توخۇنىڭ چىللىشىدىن ئەمەس. تاڭ - شۇ كۈننىڭ ياشلىق ھۆسنى، كەچ - شۇ كۈننىڭ قېرىلىق چېغى. ھەر كۈننىڭ ئۆز تېڭى بار، ھەر تاڭنىڭ ئۆز غېمى. سەھەر تۇرغان قۇشنىڭ قۇرسىقى توق. سەھەر تۇرغان ئىتتىن قورق. يارىمنى سۈبھى - شام ياد ئېتىمەن. زاۋال بولدى، گۇگۇم چۈشتى، كۈندۈز تۈگىدى. ئاخشام كۆردۈم، بامدات ۋاقتىدا تۇر، سالامەت بول.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
رەۋىش
ئەرەبچە
تاڭ يورۇشقا باشلىغاندىن تارتىپ كۈن چىققۇچە بولغان ئارىلىقتىكى ۋاقىت، سۈبھى.
سەھەر تۇرماق.
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
بۇ، كوللېكتىپ ھېكايىلار توپلىمى بولۇپ، <تارىم> ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىغا سوۋغا سۈپىتىدە تۈزۈپ، نەشرگە تەييارلىغان، مىللەتلەر نەشرىياتى 1985 - يىل 9 - ئايدا نەشر قىلغان. توپلامغا ئابلىمىت مەسئۇدى، زۇنۇن قادىرى، ئەخەت تۇردى قاتارلىق كۆزگە كۆرۈنگەن يازغۇچىلىرىمىزنىڭ <ئازاد يېزىنىڭ قىزى>، <چېنىقىش>، <ھاياتنىڭ باشلىنىشى>، <قىساس>، <تۇمانلىق قىرغاق>، <نۇر> قاتارلىق ھېكايىلىرى كىرگۈزۈلگەن.