Uyghurئاساسىي لۇغەت
سەگەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھوشلۇق، ئەقلى - ھوشى جايىدا بولغان بىرەر تەسىر ياكى ھادىسىنى تېز سېزىش قابىلىيىتىگە ئىگە بولغان، زېرەكلىك ۋە ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرىدىغان.
ھوشيار ئات يىرتقۇچقا يەم بولماس. ھوشيار بولساڭ، ئاپەت كۆرمەيسەن. سەركە سەگەك بولسا، مالغا ئاپەت كەلمەس. سۈتتىن ئاق، سېغىزخاندىن ساق. سىنىماي بىرىنى تۇتمىغىن ھەمراھ، ئاڭلىغاندىن كۆرگەن باشقا، بول ئاگاھ، ئاگاھ بولساڭ، ئاداشمايسەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
سەزگۈر، تۇيغۇن.
سەگەك ئىتلارنىڭ ئاندا - ساندا قاۋاپ قويۇشلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، كېچە جىمجىت ئىدى.
ھوشيار، سەزگۈر.
گۆھەرخان چوڭ ئانام تۆلەككە بۇ كېچە سەگەك يېتىشنى ئېيتتى.