Uyghurئاساسىي لۇغەت
سەففارىيە سۇلالىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(867 - 908) پرسىيە (بۈگۈنكى ئىران) دىكى يەرلىك ئىسلام ھاكىمىيىتى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ سۇلالىنى ياقۇب بىننى لايىش (867 - يىلىدىن 879 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) قۇرۇپ، شىكىستاننى پايتەخت قىلدى. ياقۇب ئەسلىي خاۋارىجلاردىن بولۇپ، ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ شىكىستاندا تۇرۇشلۇق ۋالىسى ئىدى. كېيىن قوشۇن باشلاپ شەرقتە كابولغىچە كېڭەيدى. غەربتە خۇراساننى ئىشغال قىلدى. ھەمدە 873 - يىلى تاھرىيە سۇلالىسىنىڭ پايتەختى نىشاپورنى تارتىۋالدى. ئۇكىسى تاھىر بىننى مۇھەممەد بىننى ئەمىر (901 - يىلىدىن 908 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) نى كېيىن ئابباسىيلار خەلىپىسى باش ۋالى قىلىپ، نامدىكى تەۋەلىك مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قېلىپ، شىكىستان، خۇراسان ۋە فارىسنى ئايرىپ بەردى. ئەمىر سۈننىي مەزھىپىگە ئىخلاس قىلدى. ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە ئافغانىستاندىكى نۇرغۇن ئادەم ئىسلام دىنغا كىردى. كېيىن سىرتقا كېڭىيىش داۋامىدا سامانىيە سۇلالىسى تەرىپىدىن يوقىتىلدى. ياقۇب مىسكەر (ئەرەب تىلىدا سەففار) بولغاچقا، سۇلالە نامى سەففارىيە دەپ ئاتالدى.