Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
سىدون
ئۇنىۋېرسال,دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
西顿
xī dùn
دۇنيا تارىخى
西顿
xī dùn
قەدىمكى فىنىكىندىكى مۇھىم شەھەر. ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا، ھازىرقى لىۋاننىڭ سەيدا دېگەن يېرىگە جايلاشقان. سىدون <بېلىقچىلىق ماكانى> دېگەن مەنىدە بولۇپ، قەدىمكى يۇنانلىقلار بۇ يەرنى دائىم فىنىكىنلارنىڭ ئومۇمىي نامى قىلىشقان. مىلادىدىن 3000 يىل ئىلگىرى سىمىتلارنىڭ ئىچىدىكى كەنئانىلىقلار مۇشۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان. مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرى يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىدا قۇللۇق تۈزۈمدىكى شەھەر دۆلەتلىرى شەكىللەنگەن. شۇنىڭدىن كېيىن مىسىر ۋە ھېتت (كىچىك ئاسىيا)نىڭ تەسىرى ئاستىغا چۈشۈپ قالغان. تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅹ ئەسىردە مۇستەقىللىككە ئېرىشىپ، پائال سۈرەتتە دېڭىز ئۈستى مۇستەملىكىچلىكى بىلەن شۇغۇللىنىپ، سىپرۇس ئارىلى قاتارلىق جايلارنى ئىگىلىۋالغان. سىدون دائىم تىر بىلەن بىر قاتاردا فىنىكيىنىڭ چوڭ شەھىرى ۋە دېڭىز پورتى ھېسابلىنىپ كەلگەن؛ ئۇنىڭ قول سانائىتى، سودىسى تەرەققى قىلغان، خۇسۇسەن جىگەر رەڭ بوياقلىرى ۋە ئەينەك بۇيۇملىرى ئارقىلىق نامى جاي - جايلارغا تارقالغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅷ ئەسىردىن كېيىن، ئاسسۇرىيە، يېڭى بابىلوننىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمى ۋە بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچراپ تۇرغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىردە پېرسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ زېمىنىغا قوشۇۋېتىلگەن. مىلادىدىن333 يىل ئىلگىرى، ماكېدونىيىلىك ئالېكساندر تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىنغان. مىلادىدىن 64 يىل ئىلگىرىدىن باشلاپ، ئۇزاققىچە رىمنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا تەۋە بولغان. سىدون شەھىرىگە فىنىكلار ئوموميۈزلۈك چوقۇنىدىغان ئايال خۇدا ئاستارتې چېركاۋى سېلىنغان.