Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
سائادىيلار سۇلالىسى
دائىرە: دۇنيا تارىخى萨阿德王朝
sà ā dé wáng cháo
ماراكەشتىكى ئەرەبلەر قۇرغان فېئودال خاندانلىق. سائادلار تەخمىنەن ⅡⅩ ئەسىردە ئەرەب يېرىم ئارىلىدىن ماراكەشتىكى درا دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىدىكى بوستانلىققا كۆچۈپ كەلگەن. ⅥⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، <غازات> قوزغاپ، ئۇنى ھىمايە قىلغۇچىلار كۈندىن - كۈنگە كۆپەيگەن. 1525 - يىلى ماراكەشنى ئىشغال قىلغان. 1541 - يىلى پورتىگالىيە ئىشغال قىلىۋالغان ئاگادىر، سافى، ئازېممۇر قاتارلىق دېڭىز بويىدىكى تايانچ نۇقتىلارنى قايتۇرۇۋالغان. 1548 - يىلى فېسنى ئىشغال قىلغان. 1578 - يىلى ئۈچ پادىشاھ ئۇرۇشىدا، پورتۇگالىيەنىڭ يىراققا يۈرۈش قىلغۇچى قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ، مىللىي مۇستەقىللىكنى قوغدىغان. ئەھمەد مەنسۇر تەختتە تۇرغان مەزگىلدە (1578 - 1603) غەربىي ئافرىقىغا يۈرۈش قىلىپ، تىمبۇكتۇنى بېسىۋېلىىپ، ئالتۇن سودىسى يولىنى كونترول قىلىپ، دۆلەتنى روناق تاپقۇزغان. ⅦⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، فېس سۇلتانلىقى ۋە ماراكەش سۇلتانلىقىغا بۆلۈنۈپ، خارابلىشىشقا قاراپ ماڭغان، كېيىن ئاراۋى خاندانلىقى ئورۇن ئالغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.