Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ساۋوي خاندانلىقى
دائىرە: دۇنيا تارىخى萨伏伊王朝
sà fú yī wáng cháo
ئىتالىيىدىكى ساۋوي جەمەتى قۇرغان خاندانلىق. Ⅺ ئەسىردىن باشلاپ ساۋوي جەمەتى ساۋوي (ھازىرقى فر انسىيىنىڭ شەرقى جەنۇبى ۋە ئىتالىيىنىڭ غەربىي شىمالىي رايونى) ۋە پېمونتېغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان. ⅤⅩ ئەسىردە كىنەزلىك بولغان.1720 - يىلى ئامېدېئو Ⅱ ساردېن پادىشاھلىقىنى قۇرغان. 1861 - يىلى ئېممانۇئېلى Ⅱ ئىتالىيىنى ئاساسەن بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىتالىيە پادىشاھلىقىنى قۇرغان (<ئىتالىيىدىكى گۈللىنىش ھەرىكىتى>گە قاراڭ). 1946 - يىلى پۇقرالارنىڭ ئاۋاز بېرىشى ئارقىلىق، پادىشاھلىق تۈزۈم بىكار قىلىنغان، ساۋوي خاندانلىقى شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشقان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.