Uyghurئاساسىي لۇغەت
ساۋوي كىنەزلىكى
دۇنيا تارىخى
ئىتالىيەنىڭ شىمالىدىكى فېئودال كىنەزلىك (1416 - 1720) مىلادى Ⅸ ئەسىردە بۇرۇندى پادىشاھلىقىغا تەۋە بولغان. Ⅺ ئەسىردە، ساۋوي جەمەتىدىن بولغان گراف باشقۇرغان، يەنىلا بۇرۇندىغا تەۋە بولغان. 1032 - يىلى بۇرۇندى بىلەن بىللە مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىگە قوشۇلۇپ كەتكەن. 1416 - يىلى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى پادىشاھى سىگسىمۇند تەرىپىدىن كىنەزلىك دەپ بېكىتىلگەن. ئىقتىسادى ئارقىدا قالغان، شەھەر چەكلىك ئاپتونومىيە ھوقۇقىغىلا ئىگە بولغان. 16 - 17 - ئەسىرلەردە، ئىسپانىيە ۋە ئاۋسترىيە ھابىسبۇرگ خاندانلىقى ئىتالىيىنى تالىشپ فرانسىيە بىلەن قىلغان ئۇرۇش جەريانىدا ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان. كېيىن ئىسپانىيەنىڭ تەخت ۋارىسىنى تالىشىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان (1701 - 1714)؛ 1713 - يىلى ئىمزالانغان <ئوترىچ سۈلھ شەرتنامىسى>غائاساسەن، سىتسىلىيە ئارىلىغا ئىگە بولغان. 1720 - يىلى سىتسىليە ئارىلىغا ئاۋستىرىيە ئىشغالىيىتىدىكى ساردېن ئارىلىنى تېگىشىۋېلىپ، ساردېن پادىشاھلىقىنى قۇرۇپ، ساۋويكىنەزىنى ساردېن كورۇلى دەپ ئاتىغان. 1860 - يىلى ساۋوي فرانسىيىگە قوشۇۋېتىلگەن. 1186 - يىلى ساردېن ئارىلى ئىتالىيە پادىشاھلىقىغا قوشۇۋېتىلگەن.