Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ساۋىن
دۇنيا تارىخى
萨文
sà wén
(1873 - 1923) روسىيىلىك تارىخشۇناس. 1895 - يىلى موسكۋا داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. 1903 - يىلدىن تارتىپ بۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، 1908 - يىلى پروفېسسورلۇققا كۆتۈرۈلگەن. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن قىزىل ئوفىتسىرلار شۆيۈەنىدە ئوقۇتۇش خىزمىتىنى ئۆتىگەن. غەربىي ياۋرۇپا ئوتتۇرا ئەسىر تارىخى ۋە يېقىنىقى زامان تارىخىنى تەتقىق قىلىشقا بېرىلگەن. ئەنگىلىيەئىنقىلابىي تارىخىغا قارىغاندا، ئاساسەن ⅥⅩ- ⅦⅩ ئەسىرلەردىكى ئەنگىلىيە يېزىلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلغان. ئۇنىڭدا دەلىلچىلىك تارىخشۇناسلىقىنىڭ تەسىرى كۈچلۈك بولۇپ، تارىخي ماتىرىياللارنى يىغىشقا ئەھمىيەت بەرگەن، كۆپ قېتىم ئەنگىلىيىگە بېرىپ نۇرغۇنلىغان ئارخىپ ماتېرىياللىرىغا ئىگە بولغان. ئۇ روسىيە بويىچە ئوتتۇرا ئەسىر تارىخى تەتقىقاتىدا سىتاتىسكا ئۇسۇلىنى ئەڭ ئاۋۋال قوللانغان تارىخشۇناس. ئۇنىڭ ئاساسىي ئەسەرلىرىدىن: <تۇدور سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئەنگىلىيە يېزىلىرى>، <لۇئى ⅣⅩ دەۋرى>، <ئەنگىلىيە ئىنقىلابى تارىخى ھەققىدە لېكسىيە> قاتارلىقلار بار.