Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ساتىر
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
萨迪尔
sà dí ěr
ساتىر - قۇجۇ ئۇيغۇرلىرى دەۋرىدە كەڭ تارقالغان بىر خىل كۈمۈش پۇل ۋە پۇل بىرلىكى. فون گابائىننىڭ كۆرسىتىشىچە، <ساتىر> سوغدى تىلىدىن كەلگەن بولۇپ، ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى قىلىپمۇ قوللىنىلغان (بۇنداق بولغاندا بىر ساتىر بىر سەرگە باراۋەر كېلىدۇ) (A. V گابائىن: <قۇجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تۇرمۇشى> <خەنزۇچە>، 40 - بەت) 50 ساتىر بىر كۈمۈش ياستۇققا، بىر ساتىر 100 باقىرغا باراۋەر ئىدى. قۇجۇدا 1.5 ساتىرغا بىر قوي سېتىۋالغىلى بولاتتى.
تارىخ
萨迪尔
sà dí ěr
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.