Uyghurئاساسىي لۇغەت
سارقىت
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
توي، زىياپەت ۋە نەزىردىن ئالغاچ كەلگەن يېمەكلىك، زەللە، سوۋغا.
ئۆزى تويمىغاندىن سارقىت چىقماس (ماقال) .
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
سارقىتماق، سارقىتىش، ئاستا، تامچىلىتىپ ئېقىتماق.
بوتۇلكىنىڭ تېگىدىكى ياغنى سارقىتقىن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بازاردىن ۋە توي - تۆكۈندىن بالا - چاقلىرىغا ئەكەلگەن نەرسە.
بالىلار بازارلىققا ئامراق. تويماستىن سارقىت ئاشماس. تۆرنى ئالغان ھېساب ئەمەس، زەللە ئالغان ھېساب. موللا سەللىسىگە ئىشىنىدۇ، قۇشناچىم زەللىسىگە.
شىۋىلەر
زىياپەتتىن قايتقاندا ئالغاش كەلگەن تاماق، يىمەكلىك، زەللە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
توي ۋە زىياپەتتىن ئالغاچ كەلگەن تاماق، يېمەكلىك، زەللە.
توي سارقىتلىرى.