Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ساراسۋاتى
دائىرە: دۇنيا تارىخى萨拉斯瓦蒂
sà lā sī wǎ dì
(1842 - 1883) ھىندىستانلىق ھىندى دىنى ئىسلاھاتچىسى، مۇقەددەس جەمئىيەتنىڭ ئاساسچىسى، سانسىكرىت تىلشۇناسى. گۇجاراتتىكى براخمان ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ئۇستا ناتىق، ۋېداغا ئېتىقاد قىلغان. ئۇ ھىندىستان جەمئىيىتىنى ئۆزگەرتىشنى ۋە ھىندى دىنىنى ئىسلاھ قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان، <ۋېدا دەۋرىگە قايتايلى> دېگەن قەدىمكىگە قايتىش شۇئارىنى ئوتتۇرغا قويۇپ، خرىستىئان تەسىر كۈچىنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە قارشى تۇرغان. تائىپە ئىمتىيازىغا ۋە كىچىك توي قىلىش ئادىتىگە قارشى تۇرغان، تۇل خۇتۇنلارنىڭ قايتا ياتلىق بولىشىنى تەشەببۇس قىلغان. مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇشنى ۋە مىللىي تىلنى تەرەققىي قىلدرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. ھىندى دىنىغا كىرمىگەنلەرنى ھىندى دىنىغا كىرگۈزۈش ھەرىكىتىنى قوللىغان. ئۇنىڭ ئىسلاھات تەشەببۇسى ۋە دىن تەلىماتى ھىندىستاندىكى پەنجاپ، گۇجارات قاتارلىق جايلاردا ناھايىتى زور تەسىرگە ئىگە بولغان. ئۇنىڭ ئاساسىي ئەسىرى: <ھەقىقەت نۇرى>، <ۋېدا ئىزاھلىرى> قاتارلىقلار.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.