Uyghurئاساسىي لۇغەت
سارى
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
تەرەپ، تامان، ياق:
سىرى، .... ىغانچە:
1. ئەگەر ئول گۇل گۇزەر قىلسە چەمەن سارى، بولۇر گۇللار،
بىرى مەستۇ، بىرى بىخۇد، بىرى ۋالە، بىرى شەيدا.
ئەرشى.
2. مەن ۋەفاۋۇ مىھر ئايىنىنى خۇ قىلغان سارى،
سەن جەفاۋۇ جەۋ رەسمىنى شىئار ئەتكەن يىگىت.
ئەرشى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
تەرەپ، ياق، تامان.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
يۇقۇملۇق؛ تارالغان، يامرىغان: ئەمراز سارى - يۇقۇملۇق كېسەل.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
نەرسىنىڭ تۆت ئەتراپىنىڭ بىرى.
دەريانىڭ ئىككى قىرغىقى، شەيئىنىڭ ئىككى تەرىپى بولىدۇ. ئەل قايان، سەن شۇ يان. ھەرقانداق يامان ئىشنىڭ ياخشى يېقى چىقار. ھەرقانداق مەسىلىنىڭ ئىككى يىقى بولىدۇ. ئۇ قاتتىكىنى بىلەي دېسەڭ دەريادىن ئۆت. نوتلىقىدا باغۋەن دەرەخنى ئېگىپ قويىدۇ خالىغان تامان.
دۇنيا تارىخى
(1908 - 1963) تولۇق ئىسمى سارى تانارات. تايلاند زۇڭلىسى (1959 - 1963). قوراللىق قىسىملارنىڭ ئالىي باش قوماندانى، دۆلەت سوتسىيالسىتلار پارتىيىسىنىڭ رەئىسى. 1929 - يىلى تايلاند قۇرۇقلۇق ئارمىيسى ئوفىتسىرلار مەكتىپىنى تۈگىتىپ، ئۇزاق ۋاقىت قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1947 - يىلى لۇاڭپىبۇل قوزغىغان سىياسىي ئۆزگىرىشكە قاتناشقان. 1955 - يىلى مارشاللىققا ئۆستۈرۈلۈپ، ئىككىنچى يىلى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى، قوشۇمچە قۇرۇقلۇق ئارمىيسىنىڭ باش قوماندانى بولغان. 1957 - يىلى قوراللىق قىسىم باش قوماندانى بولغان. شۇ يىلى 9 - ئايدا سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، لۇاڭپىبۇل ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، قوراللىق قىسىم ئالىي باش قوماندانى بولغان. 1958 - يىلى يەنە بىر نۆۋەت سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، ئاساسىي قانۇننى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاپ، پارلامېنتنى تارقىتىۋەتكەن ھەمدە ھەرقايسى پارتىيىلەر پائالىيىتىنى مەنئى قىلغان. <ئىنقىلاب ئۆمىكى> نى قۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ھەربىي، سىياسىي چوڭ ھوقۇقلىرىنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
تەرەپ، نىشان