Uyghurئاساسىي لۇغەت
سار
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
غەم، قايغۇ، ھەسرەت، ئازاب:
بار مەلەك نشانىدۇرلەر ئىشىق زاتىن تەمام،
ئەرشىيا، كەل، جامى مەيل ئىچكىل، مۇھەببەت سارىدىن.
ئەرشى.
بىئولوگىيە
گېرمانىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى بىر ئوبلاست. مەيدانى 2569 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئاھالىسى بىر مىليون 85 مىڭدىن ئاشىدۇ. مەركىزى ساربر يوككېن شەھىرى. سار رايونى يەر شەكلى جەھەتتىن ئېدىرلىقلارنى ئاساس قىلىدۇ. سار دەرياسى رايونىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ. ھاۋاسى يازدا يىللىق، قىشتا سوغۇق، ھۆل - يېغىنى مول بولىدۇ. كۆمۈر بايلىقى مول. سانائىتى كۆمۈر قېزىش، پولات - تۆمۈر، مېتالچىلىق، ماشىنىسازلىق، خىمىيە سانائەتلىرىنى ئاساس قىلىدۇ، فار - فۇر سانائىتى تەرەققىي قىلغان. ئورمان 3/1 قىسىم يېرىنى ئىگىلەيدۇ. تاغ ۋادىلىرىدا ئۈزۈم، ئۇنىڭدىن قالسا ئاشلىق زىرائەتلىرى، ياڭيۇ، كۆكتات، مېۋە - چىۋە ئۆستۈرۈلىدۇ. چارۋىچىلىقىدا سۈتلۈك چارۋىنى ئاساس قىلىدۇ. بۇ جاينى ئۇزۇندىن بۇيان فرانسىيە، گېرمانىيە دۆلەتلىرى تالىشىپ كەلگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن <ۋېرسال كېلىشىمى> گە ئاساسەن خەلقئارا ئىتتىپاق بۇ جاينى فرانسىيىنىڭ 15 يىل ۋاكالىتەن باشقۇرۇشىغا تاپشۇرغان. 1935 - يىلى پۈتۈن خەلق بېلەت تاشلاش ئۇسۇلى بويىچە گېرمانىيىگە قايتۇرۇپ بەرگەن. 1956 - يىلى گېرمانىيە بىلەن فرانسىيە ئوتتۇرىسىدىكى <سار كېلىشىمى> گە ئاساسەن سار سىياسىي جەھەتتىن (1957 - يىلى) ئىقتىسادىي جەھەتتىن (1959 - يىلىنىڭ ئاخىرى) گېرمانىيە بىرلىشىدۇ. فرانسىيە 25 يىل ئىچىدە سار رايوندىن 90 مىليون توننا كۆمۈر ئالىدۇ، گېرمانىيە فرانسىيىنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن موزىل قانىلىنى قېزىپ بېرىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. ھازىر بۇ رايون پۈتۈنلەي گېرمانىيىنىڭ ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
زوئولوگىيە
بىر خىل يىرتقۇچ قۇش. يىلان، چاشقان، چۈجە قاتارلىقلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ.