Uyghurئاساسىي لۇغەت
ساقلانماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھۇجۇمدىن، زەرىبدىن ۋە زىيانكەشلىكتىن ئېھتىيات قىلىپ، ساق بولۇپ تۇرماق.
قوغدانمىساڭ، قاغىمۇ كۆزۈڭنى چوقۇيدۇ. دۈشمەننىڭ يوشۇرۇن سۇيىقەست قىلىشىدىن ساقلان. تاجاۋۇزچىلارنىڭ تاجاۋۇز قىلىشىدىن مۇداپىئە كۆرۈش دۆلەتنىڭ زۆرۈر ئىشى.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
دىققەت قىلماق، ساقلانماق، ئۆزىنى تارتماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<ساقلىماق> پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى.
ئەمدى زەمبىرەك ئوقىدىن ساقلىنىشنىڭ باشقا ئامالى قالمىغانىدى.
<ساقلىماق> پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.
بوۋاي يانچۇقىدا ساقلىنىپ قالغان بىر تەڭگە پۇلنى چىقىرىپ خوجايىنغا ئۇزاتتى.
كۆچمە. ئېھتيات قىلماق، ئاگاھ بولماق، ئۆزىنى مۇھاپىزەت قىلماق.
دۈشمەنگە نىشانىمىزنى بىلدۈرۈپ قويۇشتىن ساقلىنىڭلار.
داۋاملىشىپ كەلمەك، مەۋجۇت بولۇپ تۇرماق.
بۇ قېتىمقى سايلام خىزمىتىدە بەزى مەسىلىلەرمۇ ساقلاندى.