Uyghurئاساسىي لۇغەت
ساقايماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كېسەلدىن قۇتۇلماق، شىپا تاپماق.
ساراڭ ساقايماس. قېلىچ يارىسى ساقىيار، تىل يارىسى ساقايماس. قىڭغىر ئېغىزنى قىرىق دورا بىلەن داۋالىساڭمۇ تۈزەلمەيدۇ. سەۋرى قىلغان ئوڭلىنار. كېسەلگە سەۋەب قىل، ياخشى بولۇپ قالىدۇ. ئۆمەر كېسەلدىن ئۆرە بولۇپ قاپتۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئاغرىق ياكى كېسىلى تۈزۈلۈپ ياخشىلانماق، ساق بولۇپ قالماق.
شۇ دورىنى يەپ يۈرۈپ ئاشقازىنىممۇ ساقىيىپ كەتتى.
كۆچمە. بۇزۇلغان جايى تۈزەلمەك، چاتىقى ئوڭلانماق.
ماشىناڭ ساقايدى، بۇزۇلغان سايمانلارنىڭ ھەممىنى يەڭگۈشلىۋەتتىم.
كۆچمە. بىر تەرەپ بولماق، ھەل بولماق.
شۇنداق، ئاخىرى بۇ ماجىرامۇ ساقايدى.