Uyghurئاساسىي لۇغەت
ساقا
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
شارىك.
ۋېلىسپىتنىڭ ساقىسىدىن ئىككى چۈشۈپ قاپتۇ.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
دۈگىلەك، شار؛ بالىلار ئويۇنچۇقى؛ ياقا، چەت.
شىۋىلەر
شارىك، بالىلار چېكىپ ئوينايدىغان شارسىمان تاش ( بەزى جايلاردا « ساققا »مۇ دېيىلىدۇ ).
شىۋىلەر
ناننىڭ گىرۋىكى. مەسىلەن: ناننىڭ ساقىسى كۆيۈپ كېتىپتۇ.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تاغ ئېتىكى.
3 - 313
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
چوڭ ئوشۇق.
ساقىسى ئالچۇ چۈشمەك.
كۆچمە. ناننىڭ گىرۋىكى؛ ناننىىڭ پارچىسى.
ساقا يىغماق. ناننىڭ ساقىسى كۆيمەك.
<ماشىن> پولاتتىن شار شەكلىدە ياسالغان دېتال، شارىك.
بىليارت ۋە بالىلار ئويۇنلىرىدا ئىشلىتىلىدىغان يۇمىلاق شارچە.