Uyghurئاساسىي لۇغەت
ساپىر
دۇنيا تارىخى
(1884 - 1939) ئامېرىكىلىق تىلشۇناس. ئانتروپولوگ، گېرمانىيىدە تۇغۇلغان. 1889 - يىلى ئامېرىكىغا كۆچۈپ بارغان. 1910 - 1925 - يىللىرى كانادا دۆلەتلىك مۇزېيى ئىنسانشۇناسلىق بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولغان. 1925 - 1931 - يىللىرى چىكاگو داشۆسىنىڭ ئىنسانشۇناسلىق پروفېسسورى بولغان. 1931 - 1939 - يىللىرى يېل داشۆسىنىڭ ئانتىروپولوگىيە، تىلشۇناسلىق پروفېسسورى بولغان. شىمالىي ئامېرىكا ئىندىئانلىرىنىڭ تىلىنى ئالاھىدە تەتقىق قىلغان. ئىدىيىچى تىلشۇناسلىق ئېقىمىنىڭ ئاساسچىسى، شۇنداقلا شىمالىي ئامېرىكا تەسۋىرى تىلشۇناسلىق ئېقىمىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى. تىل بىلەن مەدەنىيەتنىڭ مۇناسىۋىتىگە كۆپرەك ئەھمىيەت بەرگەن. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى <يەرلىك ئامېرىكا مەدەنىيىتىنىڭ ۋاقتىنى ئېنىق بايقاش>، <تىل توغرىسىدا> قاتارلىقلار.