Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ساپاقلىق باكتېرىيە
دائىرە: بىئولوگىيە柄细菌
bǐngxìjūn
ساپىقى بولغان ھەمدە ساپىقى ئارقىلىق ئاساسىي ماددىغا يېپىشىپ تۇرىدىغان بىر خىل باكتېرىيىلەرنىڭ ئومۇمىي نامى، ساپاقلىق ھۈجەيرىنىڭ كېڭىيىش قىسمى (ھۈجەيرىنىڭ بىر قىسمى)، شۇنداقلا ھۈجەيرىنىڭ ئاجرىتىپ چىقارغان مەھسۇلاتى، مەسىلەن، ساپاقلىق تاياقچە باكتېرىيە ئۇرۇقدىشىدىكى باكتېرىيىلەر تاياقسىمان ئۇرچۇقسىمان ياكى يايسىمان بولىدۇ، ساپاق ھۈجەيرىنىڭ كېڭىيىش قىسمى ھۈجەيرىنىڭ بىر ئۇچىدا ئۆسىدۇ. كالۋىن باكتېرىيە ئۇرۇقدىشىدىكى باكتېرىيىلەرنىڭ ھۈجەيرىسى بۆرەكسىمان بولىدۇ، ساپاق ھۈجەيرىنىڭ ئاجراتما مەھسۇلاتى بولىدۇ، ئۇ ھۈجەيرىنىڭ ئويمان قىسىمىدىن ئۆسۈپ چىقىدۇ، ئىككى تال ئىچىكە ئۇزۇن تالانىڭ ئورىلىشىدىن ھاسىل بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىنى تۆمۈر گىدروكسىدى قاپلاپ تۇرىدۇ. ساپاقلىق باكتېرىيىلەر سۇدا ياشايدۇ. ساپاق ھاسىل بولغاندىن كېيىن ھەرىكەتلەنمەيدۇ، ساپىقى ئارقىلىق ئاساسىي ماددىغا يېپىشىپ تۇرىدۇ ياكى كاللەكلىشىۋېلىپ سۇ يۈزىگە لەيلەيدۇ.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.