Uyghurئاساسىي لۇغەت
ساپاق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
پىلەك غوللۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ غولى.
قوغۇن پىشسا ساپىقىدا تۇرماس. پىلىكى سېسىغان قوغۇن لاۋزا بولىدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىنتايىن كەپسىز، تىنىم تاپمايدىغان بالا.
«غۇرتەك» خوتەن دىئالېكتىدا قوللىنىلىدۇ.
«ساپاق» قۇمۇل شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
ھۇي شۇمتەك، بۇ نېمە قىلغىنىڭ _ ھە! ھۇي خەقلەر، مۇنۇ يېتىمئوغلاقنىڭ ئاغزىنى بېسىڭلار! _ دېدى ھۈرنىساخان.
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
ساپ، نەرسىنىڭ سېچى.
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
شۇم، شۇمتەك ( بالىلارنى سەتلەش سۆزى؛ ۋاي ئۆلمىگۈر ساپاق ).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەسۋابلارنىڭ قول بىلەن تۇتىدىغان قىسمى؛ دەستە، ساپ.
ئىلىدىن چىققان پىچاقنىڭ ساپىقى دانە - دانە، ئۆزلىرىنىڭ كويلىرىدا بولدۇم تەلۋە - دىۋانە.
ئۆسۈملۈكنىڭ يوپۇرمىقى، گۈلى، مېۋىسىنى شاخ ياكى پېلىكىگە تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان قىسمى؛ باغ.
قوغۇن پىشسا، ساپىقىدا تۇرماس (ماقال).
ئۆزۈم بەرگىدە غۇژمەك ئورۇنلاشقان ئۈزۈم دانىلىرى توپى؛ ساپ.
ئۈزۈمنى يەڭ، ساپىقىنى سورىماڭ (ماقال).
قايسى ساپاقنى ئۈزۈسىز؟ * خىزمەتچى بىر ساپاق ئۈزۈم ئەكەلدى.