Uyghurئاساسىي لۇغەت
ساپ
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
دەستە، تۇتقۇچ،
كەتمەن سېپى. * ئۆتمەس پىچاققا ئالتۇن ساپ (ماقال) . * تاز قىزغا ئەر تاپماق تەس، قىدام كەكىگە ساپ (تەمسىل) . * پالتىنىڭ سېپىغا موزاي تېزەكلەپ قويۇپتۇ (ماقال) .
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
1 . پاك
ساپ ئالتۇن. * ساپ پايدا. * ساپ پاختا.
2 . تازا، پاكىز، غۇبارسىز. ساپ ھاۋا - تەنگە داۋا (ماقال) . * ساپ ئادەم.
بىر پەرت:
بولساڭ سەن دۇنيادا ياخشى _ كۆڭلى ساپ،
ئۇنارمەن كەتمەنگە قىلاي دېسەڭ ساپ.
_ ئەركىن ئەبەيدۇللا.
ئاھاڭداش سۆزلەر
رەۋىش.
پۈتۈنلەي، تامامەن («لا» قوشۇلۇپ «ساپلا» بولۇپمۇ كېلىدۇ)
ئۇنىڭ ئىلمىي ماقالە دېگىنى ساپ ئويدۇرما. * بۈگۈنكى مەجلىسكە ساپلا ئەرلەر كەپتۇ. * بۇ ساپلا بىز ئۆگەنمىگەن سۆزلەر ئىكەن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
پاسكىنا نەرسىلەر بىلەن بولغانمىغان، تازا، پاكىز.
ئاق بولمىسىمۇ پاك بولسۇن. ئۆزى پاكقا ھەممە پاك. ئاق بولسۇن، پاك بولسۇن. ساپ ھاۋا تەنگە داۋا. ئېرىغ سۇ تەنگە شىپا.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەسۋاب - سايمانلارنىڭ قول بىلەن تۇتىدىغان يېرى.
سېپى ئۆزىدىن. پۇچۇق قوشۇقنىڭ سېپى تەگمەك. تۇتقۇدەك سېپى يوق، قىچارغۇدەك ئېتى. تۇخۇمغا تۇتقۇچ كەتمەيدۇ. سېۋەتنىڭ بېغى چىڭ بولسۇن. ھەممە يەردە قازاننىڭ قۇلىقى تۆت. قۇلاقنى نەدىن چىقارسا قازانچىنىڭ ئىختىيارى. جولدىسى سۇنغان پالتا كېرەككە كەلمەيدۇ. پىچاق دەستىسىنى كېسەلمەيدۇ. يىتكەن پىچاقنىڭ دەستىسى ئالتۇن. چۆگۈننىڭ تۇتقۇسى قىزىپ كېتىپتۇ. ئىشىكنىڭ تۇتقۇسىنى تۇت.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرىن - سىرىن، بىرىدىن كېيىن بىرى ئىشلىنىدىغان ئىش - ھەرىكەتنىڭ تەرتىپى.
تۈگمەنگە نۆۋىتىڭ كەلگەندە بار. مۆرىتى كەلگەندە دەيدىغاننى دېۋالدىم. كېزەك كەلسە، كېرەك پۈتىدۇ.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ساپ.
قىىچ ۋە پىچاقنىڭ سېپى. ماقالدا مۇنداق كەلگەن: ئوغلان ئىشى بولماسئوغلاق مۈڭزى ساپ بولماس _ بالىنىڭ ئىشى ئىش بولماس، ئوغلاق مۈڭگۈزى ساپ بولماس.
3 - 198
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
نۆۋەت.
بىرەر سۆزگە جاۋاب بېرىشتىكى نۆۋەت. ئۇن تارتىش، يەر سۇغىرىش نۆۋىتىگىمۇ شۇنداق دېيىلىدۇ. ئول سۆزلەگەلى (يازما نۇسخىدا بۇ سۆز «» شەكلىدە يېزىلغان. بىز كۆچۈرۈشتە « گەلى» قوشۇمچىسىدىن ئالدىن پېئىل ياسىغۇچى «لا _ لا ياكى لە» قوشۇمچىسى ئۇنتۇلغان دەپ ھېسابلاپ، بۇ سۆزنى «سۆزلەگەلى» دەپ ئالدۇق.) ساپ بېرمەس _ ئۇ سۆز نۆۋىتىنى قولدىن بەرمەس. ئۇن تارتىش ۋە باشقىلارغىمۇ « سەنىڭ ساپ كەلدى _ سېنىڭ نۆۋىتىڭ كەلدى» دېيىلىدۇ.
3 - 198
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
تەرتىپ؛ قۇر
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
داۋاملاشماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەسۋابلارنىڭ قول بىلەن تۇتىدىغان قىسمى، تۇتقۇچ، دەستە.
ھوت - كەتمەن سېپىنى تۇت (ماقال).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئەرەبچە
سۈپ. چاڭ - توزاندىن خالىي، سۈزۈك، پاكىز.
ھاۋا شۇ قەدەر ساپ ئىدى، ئاسماندا تولۇن ئاي كۈلەتتى.
سۈپ. باشقا ئارىلاشمىسى بولمىغان، تازا.
ساپ ئالتۇن.
ئۇنىڭ ئاۋازى جاراڭلىق، موڭلۇق ھەم ساپ ئىدى.
سۈپ. كۆچمە. داغ تەگمىگەن؛ يامانلىق، ئەيىب - نۇقسان، ئىللەتتىن خالىي؛ پاك؛
ساپ ئەخلاق. ساپ ئىشق.
سۈپ. باشقا بىرىنىڭ ئەجرى ئارىلاشمىغان، ھالال.
ياڭرىدى كۆكتە، ساپ مېھنەت سازى، دېھقانلار بۇندىن بولۇشتى رازى.
رەۋ. پۈتۈنلەي، تامامەن.
سىز توغرا تىجارەت قىلماي ساپ قانۇن تېشىدىكى ئىشلارنى قىلىپ يۈرسىڭىز، مەن سىزگە قانداقمۇ ئەقىل كۆرسىتىمەن؟
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ساپلىق، پاكلىق.
سۈپەت، ئۈنۈم قەدىر - قىممەت.
بىلىملىكنىڭ باھاسى يوق، بىلىمسىزنىڭ ساپاسى يوق (ماقال).
مەنپەئەت، ھۇزۇر، ھالاۋەت.
جاھالەت سەمەردىن بىزگە بىر كۈن كۆپ خاتا باردۇر ئېيتىڭىزچۇ بۈگۈنكى ھالىمىزنىڭ قايسى بىردە ساپا باردۇر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئىنگلىزچە
پۇرژىنا ياكى بۇلۇتسىمان سۇلياۋ ئورۇنلاشتۇرۇلغان، يۆلەنچۈكلۈك يۇمشاق ئورۇندۇق، بەزىلىرىنىڭ ئىككى يان تەرىپىدە قولنى قويىدىغان تۇتقۇچى بولىدۇ.