Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
سانت لاۋرېنسىې دەرياسى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
圣劳伦斯河
shèng láo lún sī hé
شىمالىي ئامېرىكىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى خەلقئارا دەريا. باش ئېقىنى ئونتارىئو كۆلىدىن چىقىپ شەرقىي شىمالغا قاراپ ئېقىپ شىمالىي ئاتلانتىك ئوكياننىڭ سانت لاۋرېنسىي قولتۇقىغا قۇيۇلىدۇ. ئۇزۇنلۇقى 960 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئەگەر بەش كۆل سۇ يولىنى ھەم سانت لۇيىس دەرياسىنى قوشۇپ ھېسابلىىغاندا ئۇزۇنلۇقى 3100 كىلومېتىرغا يېتىدۇ، كۆلىمى بىر مىليون 26 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. دەريانىڭ يۇقىرى ئېقىنى ئا ق ش بىلەن كانادانىڭ تەبىئىي چېگرىسىنى ھاسىل قىلىدۇ، ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنى كانادا چېگرىسى ئىچىگە جايلاشقان. دەريانىڭ سۈيى مول، پەسىللىك ئۆزگىرىشى كىچىك، مۇزلاش ۋاقتى تۆت ئايغا يېتىدۇ. دەريانىڭ مونترىئالدىن يۇقىرى قىسمىنىڭ ئېقىنى تېز، سۇ كۈچى بايلىقى مول. سانت لاۋرېنسىې دەرياسى شىمالىي ئامېرىكىدىكى مۇھىم سۇ قاتناش تومۇرى، لاۋرېسىې دەرياسى ھەم دەريا ياقىسىغا قېزىلغان قانال ئارقىلىق پاراخوتلار بەش كۆل رايونىدىكى پورتلارغا بىۋاسىتە بارالايدۇ. لاۋرېنسىې دەرياسىنىڭ كانادا ھەم ئا ق ش ئۈچۈن سۇ قاتناش جەھەتتە ئەھمىيىتى ناھايىتى زور. دەريانىڭ ئوتتاۋا، رىچلې، ساگىنا قاتارلىق مۇھىم تارماقلىرى بار. دەريا بويىدا يەنە چوڭ تىپتىكى سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى، 1800 دىن ئوشۇق چوڭ - كىچىك ئارال بار.