Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
سانتا ئانا
دۇنيا تارىخى
圣塔阿那
shèng tǎ ā nà
فىلىپپىندىكى جۇگڭو فارفۇر قاچىلىرى ۋە ساپال قاچىلىرى قېزىۋېلىنغان قەبرىستانلىق. مانىلا شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى سانتا ئانا ئىبادەتخانىسىدا. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ 20 - يللىرىدا تېپىلغان. 1196 - يىلى تەكشۈرۈپ كولاپ، 202 قەبرىدىن جۇڭگونىڭ سۇڭ سۇلالىسىگە ئائىت 1513 دانە فارفۇر قاچا قېزىۋېلىنغان. 1966 - يىلدىن باشلاپ فىلپپىن دۆلەتلىك موزيې داۋاملىق تەكشۈرۈپ قازماقتا. بۈگۈنگىچە 291 قەبرىدىن جۇڭگونىڭ جەمئىي 1800 دىن ئارتۇق جۇڭگو فارفۇر قاچا - قۇچىلار بىلەن شۇ جايدا پىشۇرۇلغان ساپال قاچىلار بىلەن قېزىۋېلىنغان بولۇپ، بۇنىڭدا قوغۇشۇن سىرلىق، جىگەر رەڭلىك، كۆكۈچ رەڭلىك، زەڭگەر رەڭلىك، ئالىچىپار رەڭلىك ۋە دەسلەپكى گۈللۈك فارفۇر قاچىلار بار. بۇلارنىڭ ئىچىدە شەكلى كىچىك چەينەككە ئوخشايدىغانلىرى كۆپ. يەنە سۇڭ دەۋرىگە ئائىت پۇلمۇ قېزىۋېلىنغان. بۇلار جۇڭگو - فىلىپپىن دۆلەتلەرنىڭ قەدىمكى قاتناش ۋە سودىسىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ.