Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
三羧酸循环
تەنتەربىيە
sān suō suān xún huán
ترى كاربوكسىل كىسلاتا ئايلىنىشىDتېببىي
sān suō suān xún huán
ترى كاربوكسىل كىسلاتا ئايلىنىشى، ئۈچ كاربوكسىل كىسلاتا ئايلىنىشى
بىئولوگىيە
ئۈچ كاربوكسىللىق كىسلاتالار ئايلانمىسى
قىسقىچە TCA ئايلانمىسى ياكى سترىك كىسلاتا ئايلانمىسى (kreb, s cycle ياكى citric acid cycle) دەپ ئاتىلىدۇ. ئوكسىگېنلىق شارائىتتا قەنتلەرنىڭ ئېچىپ پارچىلىنىش مەھسۇلاتى بولغان پىرۇۋىك كىسلاتا كاربوكسىلسىزلىنىپ ئوكسىدلىنىش ئارقىلىق ھاسىل بولغان ئاتسېتىل CoA بىلەن ئوكسالوئاتسېتىن كىسلاتاسى كوندېنساتسىيىلىنىپ سترىك كىسلاتاغا ئايلىنىدۇ. كېيىنكىسى بىر قاتار ئوكسىدلىنىش، كاربوكسىلسىزلىنىشلاردىن ئۆتۈپ، قايتىدىن ئوكسالوئاتسېتىن كىسلاتاسىنى ھاسىل قىلىدۇ، شۇنداق قىلىپ بىر ئايلانمىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئېلېكترون يەتكۈزۈش زەنجىرى ۋە ئوكسىدلىنىش - فوسفاتلىشىش بىلەن تۇتىشىدۇ، ئايلانمىدا ھەر بىر ئايلانغاندا بىر مولېكۇلا پىرۇۋىك كىسلاتا تەلتۆكۈس ئوكسىدلىنىپ، تەڭ ئېكۋىۋالېنتلىق CO2 ۋە H2O غا ئايلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا كۆپ مىقداردا ئېنېرگىيە قويۇپ بېرىدۇ، 15 دانە ATP مولېكۇلىسى سىنتېزلىنىدۇ. بۇ ئايلانمىنىڭ تەركىبىدە سترىك كىسلاتا قاتارلىق ئۈچ كاربوكسىللىق كىسلاتالارنىڭ بولغانلىقىدىن شۇنداق ئاتالغان. ئۈچ كاربوكسىللىق كىسلاتا ئايلانمىسى قەنت، ياغ، ئاقسىل قاتارلىق مېتابولىزم ماددىلىرىنىڭ ئوكسىدلىنىپ ئەڭ ئاخىرىدا H2O ۋە CO2 گە ئايلىنىدىغان ئورتاق يولىدۇر. پرۇۋىك كىسلاتاسىغا ئايلىنىدىغانلىرىنىڭ ھەممىسى ياكى ACA ئايلانمىسىنىڭ ئەزالىرىدىن بىرى بولغىنى بىردەك تەلتۆكۈش ئوكسىدلىنىدۇ. TCA ئايلانمىسى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھەر خىل ماددىلارنىڭ ئۆز ئارا ئۆزگىرىدىغان مەركىزى، مەسىلەن، ھەر خىل (قەنت ھاسىل قىلغۇچى) ئامىنو كىسلاتالىرى پەقەت TCA نىڭ ھەر قانداق بىر ئەزاسىغا ئايلانسىلا، فوسفوئېنول پىرۇۋاتقا ئايلىنىپ ئېچىپ پارچىلىنىشىنىڭ قايتما يولى ئارقىلىق قەنتكە ئايلىنىدۇ؛ ياغ كىسلاتالىرى β - ئوكسىدلىنىش ئارقىلىق ھاسىل بولغان ئاتسېتىل CoA، TCA غا كىرىپ α - كېتوكلۇتار كىسلاتاسى ۋە ئوكسالو ئاتسېتىن كىسلاتاسى قاتارلىقلارمۇ ئامىن رادىكالىنى يۆتكەش قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىدە ماس ھالدىكى گلۇتار كىسلاتاسى ۋە ئاسپار كىسلاتاسىنى ھاسىل قىلىدۇ.