Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
三圃制
دېھقانچىلىق
sān pǔ zhì
ئۈچ كاندۇك تۈزۈمىDئۇنىۋېرسال
sān pǔ zhì
ئۈچ كاندۇكلۇق تېرىش تۈزۈمى
دۇنيا تارىخى
يەرنى ئۈچ قىسىمغا بۆلۈپ تېرىش تۈزۈمى
ئۈچ پارچە بويىچە نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىش تۈزۈمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تېرىلغۇ يەرنى پارچىغا ئايرىپ نۆۋەت بىلەن تېرىش تۈزۈمىنىڭ بىر خىلى. ئوتتۇرا ئەسىردە ياۋروپادا كەڭ تارقالغان. يەر ئادەتتە ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ: ئەتىيازلىق تېرىلغۇ يەر. بۇنىڭغا سۇلۇ، ئارپا قاتارلىقلار تېرىلىپ، كۈزدە ھوسۇل ئېلىنىدۇ؛ كۈزلۈك تېرىلغۇ يەر. بۇنىڭغا يالىڭاچ ئارپا، بۇغداي قاتارلىقلار تېرىلىپ، ئىككىنچى يىلى يازدا ھوسۇل ئېلىنىدۇ؛ ئاختاما يەر. جامائەت چارۋىچىلىق مەيدانى قىلىنىدۇ؛ يەرنىڭ قۇۋۋىتىنى ئاسراش ئۈچۈن، تەرتىپ بويىچە نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىلاتتى. تېرىقچىلىق قىلىش مەزگىلىدە ياكى چىتلاق، رېشاتكا بىلەن تورىلاتتى ياكى قىر، تاپ بىلەن قالدۇرۇلاتتى. تېرىلغۇ يەردىن ھوسۇل ئېلىنغاندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم تېرىلغۇچە جامائەت چارۋىچىلىق مەيدانى قىلناتتى.