Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
三名法
دېھقانچىلىق
sān míng fǎ
ئۈچ نام بېرىش قائىدىسى
بىئولوگىيە
ئۈچ ئىسىم قويۇش قائىدىسى
ئۈچ لاتىن يېزىقى ئارقىلىق جانلىقلارنىڭ كەنچى تۈرى ياكى ئۆزگەرگەن تۈرىگە ئىسىم قويۇش قائىدىسى. كەنجى تۈر ياكى ئۆزگەرگەن تۈر تۈردىن تۆۋەن تۇرىدىغان تاكسونومىيە بىرلىكى بولۇپ، ئادەتتە ئۇنىڭغا ئۈچ ئىسىم قويۇش قائىدىسىدىن پايدىلىنىپ نام بېرىلىدۇ. يەنى تۈرنىڭ ئىلمىي نامىنىڭ كەينىگە كەنجى تۈر ياكى ئۆزگەرگەن تۈرنى ئىپادىلەيدىغان لاتىنچە تاق سۆز قوشۇلۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن ئۆي مۆشۈكىنىڭ ئىلمىي نامى Felis ocreta domestica Brisson دىكى Felis ئۇرۇقداش نامى، ocreata تۈر نامى، domedtica كەنجى تۈر نامى Brisson نام بەرگۈچى كىشىنىڭ ئىسمى. يەنە مەسىلەن، تيەنجياۋ لازىسىنىڭ ئىلمىي نامى Capsicum fritescrndL Var. Conordes Baibey دىكى Capidicum ئۇرۇقداش نامى، frutescend تۈر نامى، Conordes ئۆزگەرگەن تۈر نامى، L نام بەرگۈچى كىشىنىڭ ئىسمى Linne نىڭ قىسقارتىپ يېزىلىشى، Baibey ئۆزگەرگەن تۈرگە نام بەرگۈچى كىشىنىڭ ئىسمى، Var دېگىنى Variety نىڭ قىسقارتىپ يېزىلىشى، بۇنىڭدىكى ئۆزگەرگەن تۈر دېگەن سۆز Var نى subdpedres subsp نىڭ قىسقارتىپ يېزىلىشى قىلىپ ئۆزگەرتىپ يازسىمۇ بولىدۇ. ئادەم ئىسمى ۋە subep ياكى Var نى يازسىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن، چوڭ چار پاقىنىڭ جۇڭخۇا كەنجى تۈرىنىڭ ئىلمىي نامىنى Bufo bufo gargarizans قىلىپ يېزىشقىمۇ بولىدۇ.