Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
三菱财阀
دۇنيا تارىخى
مىتسۇبىشى مالىيە زومىگىرى
ئىكىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى، ياپونىيىدىكى تۆت چوڭ مالىيە زومىگىرىنىڭ بىرى. لىۋاگا ساكى ياتارو (1834 - 1885) تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغان. ئەسلى توسا ۋاسساللىقىدىكى مۆتىۋەر ئىدى. مېيجى يېڭىلىققا كۆچۈشىدىن كېيىن دېڭىز قاتناش ئىشى بىلەن شۇغۇللانغان، 1873-يىلى مىتسۇبىشى سودا كامپانىيىسى دەپ ئاتالغان، 1875-يىلى مىتسۇبىشى پاراخوت شىركىتى (كېيىن مىتسۇبىشى پوچتا پاراخوتلىرى شىركىتى دەپ ئاتىغان) دەپ ئۆزگەرتىلگەن، 1885-يىلى مىتسۇبىشى شىركىتى ئورتاق ترانسپورت شىركىتى بىلەن بىرلىشىپ، ياپونىيە پوچتا پاراخوتلىرى شىركىتى قۇرغان. لىۋاگاساكى ياتادو ئۆلگەندىن كېيىن، يەنى 1886-يىلى ئۇنىڭ ئىنىسى يانوسۇكى باش شىركەت مىتسۇبىشى كامپانىيىسىنى قۇرغان، 1893-يىلى بۇ جەمئىيەت كانچىلىق، كېمىسازلىق، بانكا قاتارلىق كۆپ خىل ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مىتسۇبىشى شېرىكچىلىك شىركىتى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 1937-يىلى يەنە ھەسسىدارلىق شىركىتى - مىتسۇبىشى جەمئىيىتى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن، 1943-يىلى مىتسۇبىشى جمئىيىتى مەركىزىي مىتسۇبىشى كامپانىيىسىگە ئۆزگەرتىلگەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، مىتسۇبىشى كامپانىيىسىنىڭ 11 بىۋاسىتە شىركىتى بولغاندىن باشقا يەنە مۇناسىۋەت شىركىتى بار ئىدى. ئۇلارنىڭ كاپىتالى جەمئىي 3 مىليارد يېن بولۇپ، ياپونىيە بويىچە مىئىدىن قالسا، ئىككىنچى چوڭ مالىيە زومىگىرى ئىدى. ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، مىتسۇبىشى مالىيە زومىگىرى تارقىتىۋېتىلگەن بولسىمۇ، ئۇزۇن ئۆتمەي كارخانا گۇرۇھى شەكلى بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ چوڭ مالىيە گۇرۇھى بولۇۋالغان. 1977-يىلى ئۇ 28 كارخانىنىڭ جىڭلىلىرى <ئالتۇن نۇر> ئۇيۇشمىسىنى تەشكىل قىلىپ، مالىيە گۇرۇھىنىڭ مۇھىم پائالىيەتلىرى بىر تۇتاش باشقۇرغان.