Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ساڭنى كۆيدۈرگۈچىلەر
دائىرە: دۇنيا تارىخى焚烧谷仓派
fén shāo gǔ cāng pài
ⅨⅩ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدائامېرىكىنىڭ نيۇ - يورك شەھىرىدە مەيدانغاچىققان دېموكراتلار پارتىيىسى ئىچىدىكى رادىكال گۇرۇھلارنىڭ بىرى. 4218 - يىلى شەكىللەنگەن. ئۇلار پارتىيە ئىچىدە بەزىلەرنىڭ پارتىيە پروگراممىسىغا خىلاپ سۆز - ھەرىكەتلىرى بارلىقىنى سەزسە، ئۇنىڭ ئامبىرىنى كۆيدۈرۈپ، ئۆي - ئىمارەتلىرىنى ۋەيران قىلىپ، مال - مۈلكىنى تارتىۋالغان، شۇڭا مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان. بۇ گورۇھنىڭ رەھبەرلىرى كامبرېلېنگ (1786 - 1862)، ۋرىگت (1795 - 1847)، تېلدېن (1814 - 1886) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. كونسىرۋاتىپلارغا قارشى تۇرۇپ، قۇللۇق تۈزۈمنىڭ كېڭىيىشىنى چەكلەشنى تەشەببۇس قىلغان؛ ئەركىن تۇپراق پارتىيىسىنىڭ كۆز قارىشىنى قۇۋۋەتلىگەن.1848 - يىلدىن كېيىن پارچىلىنىپ، بەزىلىرى ئەركىن تۇپراق پارتىيىسى ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىگە قاتناشقان، بەزىلىرى دېموكراتلار پارتىيىسىگە قايتا كىرگەن
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.