Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
三级会议
دۇنيا تارىخى
ئۈچ تەبىقىدىكىلەر كېڭىشى
(1) فرانسىيەنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى تەبىقە ۋەكىللىرى كېڭىشى. بۇنى پادىشاھ چاقىراتتى. راھىبلار، ئاقسۆڭەكلەر ۋە شەھەر ئاھالىلىرىدىن ئىبارەت ئۈچ تەبىقىدىكىلەرنىڭ ۋەكىللىرى قاتنىشاتتى، ئۇلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا يىغىن ئۆتكۈزەتتى. ئادەتتە دۆلەت قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان چاغدا ياردەم تەلەپ قىلىش يۈزىسىدىن كورۇل تەرىپىدىن چاقىرىلاتتى. 1302 - يىلى، فرانسىيە كورۇلى فېلىپ Ⅳ بىلەن پاپا بونىفاكيۇس ئۇتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكتىن تۇنجى قېتىم يىغىن چاقىرىلغان. كېيىن فرانسىيە كورۇلى باجنى كۆپەيتىش ياكى نەق پۇل ئېلىش ئۈچۈن پات - پات چاقىرىپ تۇرغان. 1614 - يىلدىن تاترىپ لۇئى ⅩⅥ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلگىچە فېئودال مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنىڭ كۈچەيگەنلىكىدىن، ئۈچ تەبىقىدىكىلەر كېڭىشى ئارىلىقتا 175 يىل ئۈزۈلۈپ قالغان. 1789 - يىلى فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىنىڭ ھارپىسىدا، لۇئى ⅩⅥ مالىيىدىكى كرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يېڭىدىن تەيىنلەنگەن مالىيە باش تەپتىشى نېسكېرنىڭ دەۋەت قىلىشى بىلەن، 1789 - يىلى 5 - ئايدا ئۈچ تەبىقىدىكىلەر كېڭىشى چاقىرىلىدىغانلىقىنى جاكارلاشقا ھەمدە ئۈچىنچى تەبىقىدىكىلەرگە ئىككى ئىمتىيازلىق تەبىقىدىكىلەر ۋەكىللىرىنىڭكى بىلەن ئوخشاش سان بېرىشكە ماقۇل بولۇشقا مەجبۇر بولغان. 5 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئۈچ تەبىقىدىكىلەر كېڭىشى ۋېرسالدا ئېچىلغان. ئۈچىنچى تەبىقە ۋەكىللىرى تەبىقە ئايرىشنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، ئادەم سانى بويىچە ئاۋاز بېرىش، ئۈچ تەبىقىدىكىلەر بىرلىكتە يىغىن ئۆتكۈزۈش، ۋەكىللەر سالاھىيىتىنى بىرلىكتە تەكشۈرۈش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ تەكلىپ رەت قىلىنغاندىن كېيىن، ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش 6 - ئاينىڭ 12 - كۈنى يەنە ئايرىم ئېلىپ بېرىلغان. 6 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، سىئېسنىڭ تەشەببۇسىغا بىنائەن ئۆز ئالدىغا مىللىي كېڭەش تەشكىللىگەن. كۈرەش ئارقىلىق، 7 - ئاينىڭ 9 - كۈنى يەنە قانۇن تۈزۈش پارلامېنتى قىلىپ ئۆزگەرتىپ تەشكىللەنگەن. 7 - ئاينىڭ 11 - كۈنى كورۇل نېسكېرنىڭ ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلىغان ھەمدە ئۈچىنچى تەبىقىدىكىلەرنىڭ قارشىلىقىنى باستۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش ئۈچۈن، مەخپىي ھالدا ئەسكەر يۆتكىگەن. 7 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، پارىژ خەلقى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. ئۈچ تەبىقىدىكىلەر كېڭىشىنىڭ چاقىرىلىشى ئىنقىلابنىڭ قوزغىلىشىغا سەۋەبچى بولۇپ، فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىغان. (2) نىدېرلاندىيە تەبىقىلىك ۋەكالەت ئاپپاراتى. بۇ ئاپپاراتقا مىسسىئونېر، ئاقسۆڭەكلەر ۋە يۇقىرى تەبىقە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان. 1463 - يىلى نىدېرلاندىيىگە قوشۇمچە رەھبەرلىك قىلىدىغان بۇرگۇندىيىلىك كىنەز فېلىپ (ياخشى ئادەم) تۇنجى قېتىم چاقىرغان، ئۇنىڭ ھوقۇق دائىرىسى ھۆكۈمەتنىڭ باج كىرىمىنى تەكشۈرۈش ۋە بۇ ئىشنى ئاۋازغا قويۇشتىن ئىبارەت ئىدى. ⅥⅩ ئەسىردە، نىدېرلاندىيە بۇرژۇئازلىرى ۋە ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ ئىسپانىيىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇش مۇنبىرى بولۇپ قالغان نىدېرلاندىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى شىمالدا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، بىرلەشمە ئۆلكىلەر جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالىي قانۇن چىقىرىش ئاپپارتى بولۇپ قالغان ھەربىر ئۆلكە بىر ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان. 1795 - يىلى بىكار قىلىنغان، 1814 - يىلى پارلامېنت ئۇنىڭ ئورنىنى ئالغان.