Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
三角贸易
پۇل - مۇئامىلە
sān jiǎo mào yì
三边贸易Dئۇنىۋېرسال
sān jiǎo mào yì
ئۈچ بۇرجەك سودا
دۇنيا تارىخى
ئۈچ بۇرجەك سودا
ⅧⅩ ئەسىردە ئەنگلىيىنىڭ قۇل سودىسىنى مەركەز قىلغان قىتئەلەر ئارا سودىسى. دېڭىز كېمىلىرى بىلەن ئەنگلىيىنىڭ لىۋېرپول، برىستول، لوندون قاتارلىق شەھەرلەدىن ئافرىقىغا توشۇلغان پاختا - كەندىر توقۇلمىلىرى، ئەينەك، فارفۇر ۋە ساپال قاچىلار، ھەر خىل زىننەت بۇيۇملىرى، ئارچا مېغىزى ھارىقى، تاماكا، قورال - ياراق، ئوق - دورىلار ۋە مىس - قەلەي قاچىلار قاتارلىق نەرسىلەرنى قاچىلاپ، ئافرىقىغا ئېلىپ بېرىپ نىگېر قۇللارغا ئالماشتۇراتتى ھەمدە نىگېر قۇللارنى كېمە بىلەن غەربىي ھىندىستان ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا مۇستەملىكىلىرىدىكى تېرىقچىلىق مەيدانلىرىغا ئېلىپ بېرىپ، دېھقانچىلىق مەيدان ئىگىلىرىگە سېتىپ، ئاندىن مۇستەملىكىلەردىن شېكەر، تاماكا، پاختا قاتارلىق نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ ئەنگلىيىگە ئېلىپ بېرىپ خام ئەشيا ئورنىدا زاۋۇت ئىگىلىرىگە سېتىپ بېرەتتى. 1713 - يىلىدىكى <ئۇترېچ سۈلھ شەرتنامىسى> ئەنگلىيىنى قۇل ئېلىپ - سېتىشنى مونوپول قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە قىلغانىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئەنگلىيىنىڭ قۇل سودىسى مىسلى كۆرۈلمىگەن كۆلەمدە ئەۋج ئېلىپ كەتكەنىدى. ئۈچ بۇرجەكلىك سودا ئەينى ۋاقىتتا ئەنگلىيىنىڭ ئىقتىسادىي ھاياتىدا ئىنتايىن چوڭ رول ئوينىغانىدى.