Uyghurئاساسىي لۇغەت
سانى يوق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سانىنى ئالغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە كۆپ.
سانسىز يالتىراق قۇڭغۇز بىر چىراغچە دال بولماس. سان - ساناقسىز كۈنلەر ئۆتتى. بىلگەنلىرىمىز چەكلىك، بىلمىگەنلىرىمىز ھەددى - ھېسابسىزدۇر. بۇزغىنىڭنىڭ سانى يوق، تۈزىگىنىڭنىڭ تايىنى. ھازىر سېلىق قالايمىقان سېلىنىۋاتىدۇ، دېھقانلار تۆلىگەن سېلىقنىڭ ھېسابى يوق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ساناپ بولغىلى بولمايدىغان، ساناقسىز؛ ناھايىتى نورغۇن.
دەرۋازىنىڭ ئىچى - تېشىدا ماڭا ئوخشاش يول تالىشىپ تۇرغان ئات ھارۋا، ئۆكۈز ھارۋا، ئاتلىق، ئېشەكلىك، پىيادە كىشىلەرنىڭ سانى يوق.