Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
桑蚕
ئۇنىۋېرسال
sāng cán
ئۈجمە پىلىسى
بىئولوگىيە
ئۈجمە پىلىسى
<ئۆي پىلىسى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھاشاراتلار سىنىپىنىڭ تەڭگىچە قاناتلىقلار ئەترىتى، پەرۋانە - پىلىلەر ئائىلىسىگە كىرىدۇ. لىچىنكىسى پىلە قۇرتى دېيىلىدۇ، بەدىنى كۆكۈچ ئاق ياكى سەل قىزغۇچ رەڭلىك، سىرتقى يۈزى پارقىراق، 13 ھالقا بوغۇملۇق كۆكرەك قىسمى كۆرۈنەرلىك تومپايغان. سەككىزىنچى قورساق بوغۇمىنىڭ دۈمبە تەرىپىدە، قىسقا بىر مۈڭگۈز ئۆسمىسى بولىدۇ. كۆكرەك، قورساق قىسىملىرىدا سەككىز جۈپ پۇتى بولىدۇ. لىچىنكىسى جەمئىي بەش ئۆزگىرىشلىك، تۆت قېتىم تېرە تاشلايدۇ، يېتىلگەندىن كېيىن ئوزۇقلىنىشنى توختىتىپ يىپەك چىقىرىپ غوزەك ھاسىل قىلىدۇ، يىپەكلىرى يىپەك چىقىرىش بېزىدىن ئاجرىتىپ چىقىرىلغان سۇيۇق ھالەتتىكى ماددا بولۇپ، بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىپ ھاۋاغا يولۇققاندىن كېيىن قېتىشىپ ھاسىل بولغان. پىلە قۇرتى غوزەك ئىچىدە قورچاققا، قورچاقلىقتىن چىقىپ پىلە كېپىنىكىگە ئايلىنىدۇ. پىلە كېپىنىكىنىڭ قانىتى ئىككى جۈپ، پۇتى ئۈچ جۈپ بولۇپ بەدىنى ئاق تەڭگىچە تۈكلەر بىلەن قاپلانغان. ئۈجمە يوپۇرمىقى پىلە قۇرتىنىڭ بىردىنبىر ئېسىل يەم - خەشىكى ھېسابلىنىدۇ. مەملىكىتىمىزنىڭ خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسى دۇنيادىكى پىلە باقمىچىلىقىنىڭ باشلانغان يېرى بولۇپ، تەىمىنەن 4000 نەچچە يۈز يىل ئىلگىرىلا مەملىكىتىمىزنىڭ يىپەك ئىشلەتكەنلىكى ھەققىدىكى مەلۇماتلار بار، مەملىكىتىمىزنىڭ ئەمگەكچى خەلقى ئاز دېگەندىمۇ 3000 نەچچە يۈز يىل ئىلگىرىلا ئۈجمە پىلىسى باققان. مىلادى 515 - يىلىلا ئاندىن يىپەك يولى ئارقىلىق ياۋروپاغا تارقالغان. جېجياڭ، سىچۇەن، جياڭسۇ، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق ئۆلكىلەر مەملىكىتىمىزدىكى ئۈجمە پىلە غوزىكى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسلىق رايونلار ھېسابلىنىدۇ.